نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

 شائىر ۋە ئىنقىلاپچى ئابدۇلھەمىد ئۇيغۇر تۈركىيەدە ۋاپات بولدى

abdulhemit-hemit-uyghur
ئابدۇلھەمىد ئۇيغۇر

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 29-ئېيۇل

—مەزكۇر خەۋەر ئېرشكەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن تولۇقلىنىدۇ-

ئۇزۇندىن بىرى تۈركىيەدە ياشاپ كىلىۋاتقان، ۋەتەندىن باشلاپ، ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ھۆرلۈكى ئۈچۈن كۈچ چېقىرىپ كىلىۋاتقان شائىر ۋە ئىنقىلاپچى ئابدۇلھەمىد ئۇيغۇر 29-ئېيۇل كۈنى ئ‍ستانبۇل تۇيۇسز  ۋاپات بولغان.مەرھۇمنىڭ جىنازە نامىزى  31-ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆيدىكى فاتىھ جامەسىدە ئوقۇلغاندىن كېيىن، يەرلىكىگە قويۇلغان.

ئابدۇلھەمىد ئۇيغۇر-زەيدىن يۈسۈپ باشچىلقىدىكى بارىن ئىنقىلابىغا قاتناشقاندىن كىين، ئابدۇلھەمىد ئۇيغۇر 1993-يىلى تۇتۇلۇپ شۇ يىلى يېڭىسار ناھىيەسىدە سوتلانغان ۋە 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2013-يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، 2014-يىلى مىڭ بىر مۇشەققەتتە تايلاند ۋە مالايسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن.

ئابدۇلھەمىد ئوچۇق پىكىرلىك، قەلىمى كۈچلۈك، ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر بولۇپ،تۈركىيە ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ  سياسى ساھەسىدە ساقلانغان مەسللەرنى ئاشكارا تەنقىد قىلغان. بىر قسم تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر تەرىپىدىن  نۇرغۇن قېتىم چەتكە قېقىلغانلىقىنى ۋىدىئو ئارقىلىق سۆزلىگەن.

ئابدۇلھەمىد ئۇيغۇر ئۆز ھاياتى ۋە بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى شئېر ئارقىلىق بايان قىلىپ «قوزغال خەلقىم»  كىتاۋىنى يازغان.

ئابدۇلھەمىد ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى تەكشۈرۈلۈش باسقۇچىدا ئىكەن.

ئابدۇلھەمىد ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى-دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان ئۇيغۇر جامائىتى ئ‍ۈچۈن بىر يوقېتشتۇر.

.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.