نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

يېڭى قانۇن: تىك توكنى ئامېرىكىغا ساتمىسا چەكلىنىدۇ، چەتئەللەرگە 90 مىليارد دوللار ياردەم بىرىلىدۇ

تىك توك

24-ئاپرىل كۈنى ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ بايدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 6 ئالتە ئايدىن كۆپرەك تالاش-تارتىشتىن كىين ماقۇللىغان يېڭى دۆلەت بېخەتەرلىكى قانۇنىغا ئىمزا قويدى.

بۇ قانۇندا ئۇكرائناغا 60 مىليارد دوللار، ئ‍سرائىلىيەگە 14 مىليارد دوللار، تەيۋەنگە 8 مىليارد دوللار، گازاغا 9 مىليارد دوللارلىق ئ‍نسانپەرۋەرلىك ياردىمى قاتارلىقلار بولۇپ، مەزكۇر قانۇنغا يەنە ختاي ھاكېمىيتى كونتىرۇللۇقىدىكى ئۇزۇندىن بىرى ئامېرىكا دۆلەت بېخەتەرلىكىگە ئەندىشە سىلىۋاتقان ئالاقە دىتالى تىك توك ھەققىدە مۇھىم قانۇنى ماددىمۇ كىرگۈزۈلدى.بۇ قانۇندا، 9 ئايغىچە ختاينىڭ مەزكۇر دىتالنى ئامېرىكا شركىتىگە سېتىپ بىرىشى لازىملىقى،ئەگەر ساتمىسا، مەزكۇر ئەپ دىتالىنى ئامېرىكىدا چەكلەيدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

تىك توك بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جېڭى

تىك توك شركىتى ۋە ختاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق مەزكۇر دىتالنى ھەرگىز ساتمايدىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ ئۆزى دەۋاتقان پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۈرمەت قىلمىغانلىقى،شۇنداقلا ئالى سوت ئارقىلىق مەزكۇر قانۇنىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغانلىقى، تىك توكنى 170 مىليوندىن ئارتۇق ئامېرىكا خەلقىنىڭ مەزكۇر قانۇننى تۈزگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قارشى چىقىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

تىك توك دۇنيا بويلاپ ئەڭ ئالقشقا ئىرىشكەن ئالاقە دىتالى بولۇپ، تىك توكنى قوللىغۇچىلار مەزكۇر قانۇنغا قارشى تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنى باشلاپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ئاغرىتماقتا.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.