ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
يەھۇدى دۇنياسىغا نەزەر تەشكىلاتى ( Jewish World Watch)-تۈرلۈك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەردىن ئامان قالغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ۋە بارلىق دىن ۋە مەدەنىيەتتىكى كىشلەر بىلەن بىرلىكتە ئىرقى قىيىنچىلىققا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان يەھۇدى تەشكىلاتى.
مەزكۇر تەشكىلات ئۇزۇندىن بىرى،ئۆزىنىڭ زور چاقىرىق ۋە تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر قىيىنچىلىقىنى يەھۇدى جەمئىيەتلىرىگە بىلدۈرۈش، ھېمايىچىلىق قىلىش، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ياردەم توپلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلغان.مەزكۇر تەشكىلات يەنە ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنى توختىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق قىلىش مەقسىتىدە، ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە چېتىشلىق 2000دىن ئارتۇق تەشكىلاتنى تەكشۈرگىلى بولىدىغان بىر سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ئەگەر سز مەلۇم شىركەت ياكى ماركىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز،تۆۋەندىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق شۇ شىركەت ياكى ماركىنى ئىزدەپ ئالاقىدار ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيسىز.
More Stories
چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئالماسلىق ۋە ساتماسلىق ھەققىدە
نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى: يۇرتىدىن ئايرىلىپ، دۇنياۋى ماركىلارنى تەمىنلەيدىغان زاۋۇتلاردىكى ئۇيغۇر ئىشچىلار
يېڭى: ختاينىڭ ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋىلىپ، قۇل ئەمگىكى قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ھەققىدىكى چوڭ دوكلات ئىلان قىلىندى