نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى فرانسىيە يېشىللار پارتىيەسى يازلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى

ستراسبۇرگ، فرانسىيە – ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى بۇ يىلمۇ فرانسىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ يازلىق ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە دۇنيا ئىقتىسادى مەسىلىلىرى ئۈستىدە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

21-23-ئاۋغۇست كۈنلىرى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مەركىزى بولغان ستراسبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىللىق پائالىيەتكە ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىدىن مىركامىل تۇرغۇن ۋەكىل بولۇپ قاتناشتى.

پائالىيەتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇيۇشتۇرۇلغان يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتىدە، تۇرغۇن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسى ۋە خىتاينىڭ فرانسىيەدىكى چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات سۇندى.

سۆھبەتكە يېشىللار پارتىيەسى فرانسىيە يۇقىرى پارلامېنت (سېنات) ئەزاسى ئانتۇۋانېت گۈل ۋە پارىژ شەھەرلىك كېڭەش ۋەكىلى ژېنۋىيېۋ گاررىگوس قاتارلىق سىياسىي ئەربابلارمۇ قاتنىشىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەلۇماتقا قارىغاندا، فرانسىيەدىكى سوتسىيالىستلار پارتىيەسى ۋە يېشىللار پارتىيەسى ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۈچ كۈنلۈك يازلىق ئۇنىۋېرسىتېت پائالىيەتلىرىگە ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشكە مۇنتىزىم تەكلىپ قىلىپ كەلمەكتە.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.