تەرجىمە قىلغۇچى: ئىدىقۇت
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 15- ئاپرېل
ياپونىيەنىڭ ئاساسلىق شوخلا قىيامى ۋە كۆكتات شەربىتى ئىشلەپچىقارغۇچى كاگومې 14- ئاپرېل چارشەنبە كۈنى شىركەتنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دىن شوخلا قىيامىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ خام ئەشياسى بولغان شوخلا ئىمپورت قىلىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
كاگومېنىڭ باياناتچىسى كازۇماسا كىتاگاۋا رېيتېر ئاگېنتلىقىغا: «كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىز ئويلاشقان ئامىل، ئەمما ئۇ يەردىكى سېتىۋېلىشنى توختىتىشنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى ئەمەس.» دېدى.
ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب شىركەتلىرى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلدى دەپ ئەندىشە قىلماقتا. بىر قىسىم خەلقئارالىق مودا ماركىلىرى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختىنى بايقۇت قىلغان ۋە مەزكۇر رايۇننىڭ پاختسىنى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى دېگەن.
بېيجىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلدى دېگەن ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى. بىر قېتىم شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) پاختىسنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان خەلقئارادىكى داڭلىق ماركىلار خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ نىشانىغا ئايلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە نايك ، ئادىداس، Uniqlo، Burberry ۋە Lacoste قاتارلىق 20 نەچچە شىركەت بار.
كاگومېنىڭ باياناتچىسى كىتاگاۋا كازۇماسانىڭ ئېيتىشىچە، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دا قالغان شوخلا قىيامى بۇ يىل تۈگەيدىغانلقنى ئېيتقان. بۇ خەۋەر ئالدى بىلەن «نىككېي» تەرپىدىن خەۋەر قىلىنغان.
شىنجاڭ (شەرقىي تۈركستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دىن سېتىۋېلىنغان شوخلا قىيامى كاگومې شوخلا قىيامىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %1 نى ئىگىلەيدۇ. كىتاگاۋا مۇنداق دېدى: «شىركەت خام ئەشيانى قەيەردىن چىقىرىشنى قارار قىلغاندا تەننەرخ ۋە سىجىللىق قاتارلىق ئامىللارنى ئويلىشىدۇ.»
ھازىرغا قەدەر، خەلقئارادىكى كۆپىنچە دۆلەتلەر شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) پاختا مەسىلىسىگە مەركەزلەشتى، پەقەت ئامېرىكىلا بۇ رايوندىن پاختا ۋە شوخلا ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى. ئامېرىكا بۇ يىل 1- ئايدا خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) پاختا ۋە شوخلا ئىشلەپچىقىرىشتا يەرلىك مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىق سەۋەبىدىن بۇ ئىككى مەھسۇلاتنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
شىنجاڭ (شەرقىي تۈركستان/ئۇيغۇرىستان) دا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى قولغا ئېلىنغان ۋە ئىشلەشكە مەجبۇرلانغانلىقى ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرشارى شىركەتلىرىنى «تەمىنلەش زەنجىرىنى يېقىندىن كۆزىتىش» كە چاقىردى.
خىتاي دۇنيادىكى ئاساسلىق شوخلا ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، 2019- يىلى شوخلا ئېكسپورتى دۇنيا ئومۇمىي ئېكسپورتىنىڭ %35 نى ئىگىلىدى، يەنى 62 مىليون 760 مىڭ توننا. شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) خىتاي ئشلەپ چىقىرۋاتقان شوخلىلارنىڭ ئاساسلىق ئۆسۈۋاتقان رايونى. شىنجاڭ (شەرقىي تۈركستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) قۇياش نۇرى بىلەن تولغان، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ناھايىتى روشەن، قۇرغاق رايون بولۇپ، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، بۇ خىل ئىقلىم شوخلا تېرىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.
More Stories
شمالى كورىيا ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن روسيەگە 12 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتكەن
قسقا خەۋەر: پۇتىن شمالى كورىيە بىلەن ھەربى بېخەتەرلىك كىلىشمى ئىمزالىدى
ئاۋسترالىيە باش مىنستىرى: ئاۋسترالىيە 1 مىلىيون 400 مىڭ ختاي پۇقراسنىڭ ۋەتىنى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ