ياپونىيە ئىشىكاۋا ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 21 گىچە، نوتو يېرىم ئارىلىدىكى يەر تەۋرەشتە بۇ ناھىيەدىن 57 ئادەم ئۆلگەن.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشچە، ئىشكاۋا ناھىيەسىدىكى ئېغىر ئاپەت بولغان ۋاجىما شەھىرى ۋە سۇزۇ شەھىرىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئايرىم ھالدا 24 ئادەم ۋە 22 ئادەم ئۆلگەن. سۇزۇ شەھىرىنىڭ باشلىقى ماسۇخىرو ئىزۇمىيانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شەھەردىكى كۆپ ساندىكى ئۆلگۈچى تۇرۇشلۇق ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى ياكى ئاساسەن دېگۈدەك ۋەيران بولغان.
ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى 1000 نەپەر قوغدىنىش ئەترىتى ئەزاسىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان جايدا قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. ياپونىيە ئىچكى كابېنتىنىڭ باش كاتىپى يوشىماسانىڭ دېيىشىچە، 1-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 11 گىچە ئىشىكاۋا ۋە نىئىگاتا ناھىيەسىدىكى پاناھلانغۇچىلار 60 مىڭغا يېقىنلاشقان. بۇنىڭدىن باشقا، ياپونىيە خوجىلىق ۋازارىتى ئوت ئۆچۈرۈش نازارىتى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈزدىن ئارتۇق ئادەم يەر تەۋرەشتە يارىلانغان.
More Stories
شمالى كورىيا ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن روسيەگە 12 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتكەن
قسقا خەۋەر: پۇتىن شمالى كورىيە بىلەن ھەربى بېخەتەرلىك كىلىشمى ئىمزالىدى
ئاۋسترالىيە باش مىنستىرى: ئاۋسترالىيە 1 مىلىيون 400 مىڭ ختاي پۇقراسنىڭ ۋەتىنى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ