ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارار ماقۇللۇقتىن ئۆتتى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى6-دېكابىر
ئارمان
5-دېكابىر ياپونىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىدا «ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى قارار» نامىدا بىر قارارنامە ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن. مەزكۇر قارارنامە ياپونىيە تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇرلار توغرىسىدا چىقىرىلغان قارارنامە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
خەۋەرلەردە يېزىلىشىچە، مەزكۇر قارارنامىدە ياپونىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
مەزكۇر قارارنامە ئۆز نۆۋىتىدە ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چىقىرىلغان تۇنجى قارارنامە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
More Stories
شمالى كورىيا ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن روسيەگە 12 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتكەن
قسقا خەۋەر: پۇتىن شمالى كورىيە بىلەن ھەربى بېخەتەرلىك كىلىشمى ئىمزالىدى
ئاۋسترالىيە باش مىنستىرى: ئاۋسترالىيە 1 مىلىيون 400 مىڭ ختاي پۇقراسنىڭ ۋەتىنى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ