ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 30-ئاپرېل خەۋىرى
ئارمان
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 30-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئىتالىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تېلگراف شېركىتى TIM يېقىندا خۇاۋېي بىلەن بولغان بىر توختامنامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى پىلانلىغان. ئاشكارلىنىشىچە مەزكۇر توختامنامە ئاساسلىقى 5g قۇرۇلۇشىغا دائىر بولۇپ، خۇاۋېي ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىتالىيەدىكى تېلگراف قۇرۇلىشىدا ئىشلىتىلىشى توغرىسىدا ئىكەن. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئىتالىيە ”قۇياش24“ گېزىتىگە ئاشكارلىشىچە TIM شېركىتىنىڭ مەزكۇر توختامنامىسى دەسلەپتە خۇاۋېي ۋە Ericsson بىلەن ئىمزالانغان بولۇپ، كېيىن Nokia مۇ قوشۇلغان. خۇاۋېينىڭ چىقىرىپ تاشلىنىشى بىلەن قالغان ئىككى شېركەت ئىتالىيە 5g تور ئەسلىھە ئۈسكۈنىلىرىنى تەڭ نىسپەتتە ھۆددىگە ئالىدىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە ئىتالىيە تېلگراف شېركىتى TIM خۇاۋېينىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ھەمكارلاشقۇچىسى بولۇپ، بۇ توختامنىڭ بېكار قىلىنىشى خۇاۋېي ئۈچۈن ئىنتايىن قاتتىق زەربە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
More Stories
ئنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن ھوقۇق دىئالوگى يەنىلا ئۈنۈمسىز.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فرانسىيەدە خۇاۋېي، خىكۋىژىن، داخۇئانىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا شېرىكلىك جنايتى توغرىسىدا قانۇنىي شىكايەت سۇندى
فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى رادىكال گۇرۇھلارغا قارشى كۈرەشكە چاقىردى