نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ختتاي دۇنياغا ئۇيغۇرلارنى تىرورچى كۆرستىش ئۇچۇن يېڭى ئىنگىلىزچە ھۇججەتلىك فىلىم تارقاتتى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 2019-يىلى 3-دىكابىر «ئۇيغۇر ئ‍نسانى ھوقۇق قانۇن لايىھىسى»نى ماقۇللىغاندىن كىين،ختتاي بارلىق ئىدارە-ئورگانلىرىنى بۇنىڭغا قارشى بايانات ئ‍ىلان قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان 

 

ۋاشنگىتون،2019-يىلى 5-دىكابىر

 

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 2019-يىلى 3-دىكابىر «ئۇيغۇر ئ‍نسانى ھوقۇق قانۇن لايىھىسى»نى ماقۇللىغاندىن كىين،ختتاي بارلىق ئىدارە-ئورگانلىرىنى بۇنىڭغا قارشى بايانات ئ‍ىلان قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

 

5-دىكابىر ختتاي تەشۋىقاتى بولغان يەر شارى ۋاقىت گېزىتى خەۋەر ئىلان قىلىپ،ختتاينىڭ دۇنياغا تەشۋىقات مەركىزى بولغان ختتاي يەرشارى تىلىۋىزىيەسنىڭ بىر سائەتلىك ئىنگىلىزچە ”جۇڭگو شنجاڭ،تىرورىزىمنىڭ ئالدىنقى سېپى » نامىدا ھۇججەتلىك فىلىم ئ‍شلەپ تارقاتقانلىقىنى،بۇ فىلىمدە ئاتالمىش «شنجاڭلىقلارنىڭ كومپارتىيە يتەكچىلىكىدە بەختيار ۋە ئازادە ياشاۋاتقان مەزگىللەردە ئاتالمىش تىرورچىلار ۋە ئەسەبىيلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بارلىق خۇشاللىقنى نابۇت قىلىپ،ئ‍نسانىيەتكە ئاپەت ئىلىپ كەلگەنلىكىنى ،ختتاينىڭ قوللىنىۋاتقان سياسىتىنىڭ تەرەققىيات ۋە تىچلىق ئۇچۇن ئىكەنلىكىنى ،غەرپنىڭ قوش ئۆلچەملىك سياسەت قوللىنىپ ،ختتاينى تەنقىد قىلىپ كەلگەنلىكىنى»تەپسلى تونۇشتۇرغان .ختتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ بىلدۇرۇشىچە،ختتاي بۇ ۋىدىئونى پۇتۇن دۇنياغا ،دىپلوماتىيە ئورۇنلىرىغا،مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە كۆپلەپ يەتكۇزىدىكەن،يېڭى دولقۇن قوزغان تورلاردا تارقېتىپ ئۇيغۇرلارنى تىرورچى دەپ تونۇشتۇرىدىكەن.

 

ختتاي بۇ فىلىمنى سۇپەت جەھەتتە دۇنياۋى تېخنىكا ۋە كۆرۇش سەزگۇ ئۇنۇمى بىلەن ئ‍شلەنگەن دەپ بەك ماختىغان بولۇپ،يوۋتۇبقا قويغان.فىلىم ئ‍سمى :Fighting Terrorism in Xinjiang بولۇپ،ختتايچە:中国新疆:反恐前沿

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.