نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ختتاي دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا ئاخبارات ئۇرۇشى سالمىقىنى كۇچەيتتى.

ختتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئ‍اۋام پالاتاسى 3-دىكابىر ئۇيغۇر ئ‍نسانى ھوقۇق قانۇن لايىھەسنى ماقۇللىغاندىن كىين،ئۇيغۇرلارغا قارشى زور كۆلەمدە تەشۋىقات سالمىقىنى كۇچەيتتى.

تاھىر ئىمىن، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

 

ۋاشنگىتون،2019-يىلى 7-دىكابىر

 

ختتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئ‍اۋام پالاتاسى 3-دىكابىر ئۇيغۇر ئ‍نسانى ھوقۇق قانۇن لايىھەسنى ماقۇللىغاندىن كىين،ئۇيغۇرلارغا قارشى زور كۆلەمدە تەشۋىقات  سالمىقىنى كۇچەيتتى.

 

ختتاينىڭ دۆلەت  تېلېۋىزىيەسى-ختتاي  مەركىزى تېلېۋىزىيە ئ‍ستانسسى -باش قانىلىنىڭ 30 مىنۇتلۇق خەۋەر بۆلىكىدە، ئامېرىكىنى تەنقىدلەش بىلەن بىرگە،ئۇيغۇرلارنىڭ بەختىيار ياشاۋاتقانلىقى ۋە تىرورچىلارغا قارشى ئالدىنى ئىلىش ئۇچۇن تەربىيلەش ۋاستىسى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلماقتا.

 

يەرشارى ۋاقىت گېزىتى باش بېتىگە تۆت كۇندىن بىرى ،تاشقى ئ‍شلار منستىرلىكى، دىنى ئ‍شلار ئىدارسى قاتارلىق سەككىز منستىرلىك ئورگاننىڭ ئامېرىكىغا قارشى باياناتلىرىنى بىرىپ كەلمەكتە.

 

ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ختتاينىڭ تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن «شنجاڭ تېلېۋىزىيە ئ‍ستانسى »ۋە «شنجاڭ گېزىتى» توختىماي ئۇرۇمچىدىكى نوپۇزلۇق شەخسلەر،ھۆكۇمەتلەرنى سۆزلىتىپ ئامېرىكا قانۇنىغا قارشى سۆزلەتمەكتە.

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.