ئەركىن، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 14-دېكابىر
14-دىكابىر كۈنى سەھەردە، ختاي (خوڭكوڭ)ساقچى دائىرلىرى ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەدە پائالىيەت ئىلىپ بارىدىغان بەش نەپەر خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىنىڭ ھەر بىرىنىڭ كاللىسغا 1 مىلىيون دوللار مۇكاپات بىلەن تۇتۇش بۇيرۇقى ئىلان قىلدى.
بۇ پائالىيەتچىلەر يىللاردىن بىرى، خوڭكوڭنىڭ دىموكراتىيە ۋە كىشلىك ھوقۇقى ئۈچۈن ھەرىكەت ئىلىپ بىرىۋاتقان بولۇپ، كۆپ قسمى شۇ دۆلەتلەرنىڭ پۇقراسى ئىكەن.
خوڭكوڭ ساقچى كۈچلىرى تور بېتىدە دىيشلىچە, بۇ بەش نەپەر شەخس چەتئەل كۈچلىرى بىلەن ھەمكارلىشپ، ختاينى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان ياكى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان.
بۇ بەش نەپەر پائالىيەتچى سوسيال مېدىيادا ئايرىم -ئايرىم بايانات ئىلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى، ختايغا قارشى ھەرىكىتىنى قەتئى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى جوۋ سيۇ مۇنداق يازغان:« بۈگۈن ئەتتتىگەن مەن، يەنى بىر ئامېرىكا پۇقراسى ، مەن ئۆز دۆلىتىمدە ئۆزۈمنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقۇمنى ئىجرا قىلغانلىقىم ئۈچۈن، خوڭكوڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن بېشمغا بىر مىلىيون دوللارلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقىنى بىلدىم.مەن يولۇمدىن قەتئى يانمايمەن.ھەرگىز سۈكۈت قىلمايمەن.»
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئىنگىلىزچە خەلقئارا قانىلى بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر ئىلان قىلدى.
More Stories
دالاي لاما ئۆزى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىز باسار بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.
تېبەتنىڭ دىڭرى ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەشتە 126 ئادەم قازا قىلدى، 188 ئادەم يارىلاندى
شى جىن پىڭ تەھدىت سالدى: تەيۋەن بىلەن بىرلىششتىن ھىچكىم توساپ قالالمايدۇ.