ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 16-ئاۋغۇست
ختاينىڭ ئوتتۇرا ئاسياغا سېڭىپ كىرىشى شىددەت بىلەن كېڭەيمەكتە، تىچلىق ۋە بېخەتەرلىك،ئاندىن سودا، مائارىپ، مەدەنىيەت ساھەلىرىدىكى گىرەلىشش چوڭقۇرلاشماقتا.
ختاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، 2023-يىل 5-ئايدا، ختاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، ختاي غەربىي شىمال سانائەت ئۇنېۋرسىتىتى بىلەن قازاقىستان دۆلەتلىك فارابى ئۇنىۋېرستىېتى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، غەربىي شىمال سانائەت ئۇنېۋرسىتىتى قازاقىستان شۆبە مەكتىپىنى ئورتاق قۇرغان. شۆبە مەكتەپ 2023-يىل 10-ئايدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. 2024-يىل 6-ئايدا، 2023-يىل ئوقۇشقا كىرگەن سەككىز ئاسپىرانتنىڭ ھەممىسى قازاقىستاندىكى ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، شىئەنگە كېلىپ يېڭى ئۆگىنىش باسقۇچىنى باشلىغان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ختاي غەربىي شىمال سانائەت ئۇنېۋرسىتىتى قازاقىستان شۆبە مەكتىپىنىڭ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بۇرۇنلا باشلانغان.
بۇ 6-ئاينىڭ 26-كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە سۈرەتكە تارتىلغان غەربىي شىمال سانائەت داشۆسى قازاقىستان شۆبە مەكتىپىنىڭ مەكتەپ ئورنى.
More Stories
ئۆزبەكستان پرېزىدېنتى ترامپقا ئۇنىڭ كىتاۋىنىڭ ئۆزبەكچە تەرجىمسنى سوۋغات قىلدى
ئامېرىكا ئۇرۇش منستىرى خىتاي بىلەن مۇناسۋىتى ھەققىدە يېڭى بايانات بەردى
ترامپ: ئۇكرائىنا ئۇرۇشى خىتاي بىلەن روسسىيەنى بىرلەشتۈرۈپ قويدى