ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 21-مارت
ختاي كونتىرۇللۇقى ئاستىدىكى خوڭكوڭ پارلامنىتى پۇقرالارنىڭ ختاي ھاكىمىيتىگە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ««دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش نىزامى لايىھەسى»نى ماقۇللىدى.
3-ئاينىڭ 19-كۈنى خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق قانۇن كېڭىشى 89 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى، 0 ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى، 0 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن «دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش نىزامى لايىھەسى»نى ئۈچىنچى قېتىم ئوقۇپ ماقۇللىدى. قانۇن كېڭىشىنىڭ رەئىسى لياڭ جۈنيەننىڭ ئېلان قىلىشى بىلەن، خوڭكوڭنى 26 يىل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان بۇ ئىجتىمائىي تېما ختاي كومپارتىيسنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.
چەتئەللەردىكى خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەر مەزكۇر قانۇن لايىھەسنىڭ كىشلىك ھوقۇق ۋە دىموكراتىيەنى باستۇرۇشقا كۆرستىدىغان رولىنى تەنقىد قىلماقتا.
ئامېرىكا تاشقى ئشلار منسترلىكى مەزكۇر قانۇننىڭ ماقۇللىنىشنى ئەيىپلىدى.
More Stories
دالاي لاما ئۆزى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىز باسار بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.
تېبەتنىڭ دىڭرى ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەشتە 126 ئادەم قازا قىلدى، 188 ئادەم يارىلاندى
شى جىن پىڭ تەھدىت سالدى: تەيۋەن بىلەن بىرلىششتىن ھىچكىم توساپ قالالمايدۇ.