نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ختاي خەلقئارا سوتقا «بېسۋىلىغان خەلقلەرنىڭ قوراللىق ئۇرۇش قىلىشى تىرورلۇق ئەمەس» دىدى

ختاي پەلەستىننى قوللايمىز

ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 23-فېۋرال

قاتار ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى ئەلجەزىرە خەۋەر قانىلىنىڭ نەق مەيدان خەۋەر قىلىشچە، ختاينىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى خەلقئارا سوتقا مۇنداق دىگەن:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى1973-يىلى ماقۇللىغان 3070 -نۇمۇرلۇق قارارنامىسگە ئ‍اساسلانغاندا، «بىز خەلقلەرنىڭ مۇستەملىكە قىلغۇچىلار ۋە چەتئەل دۆلەتلىرىنىڭ بېسۋىلىشىغا ۋە ياتلارنىڭ ئېزىشىگە قارشى بارلىق مۇمكىنچلىكى بولغان ۋاستىلەر بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ جۈملىدىن قوراللىق كۆرەشلەرنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرىمىز.» دىيلگەن.

«خەلقلەرنىڭ چەتئەل مۇستەملىكىسى ۋە تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۆز زىمىنىنى ئازات قىلىش، مۇستەقىللىققە ئىرىشش، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاستە جۈملىدىن قوراللىق كۆرەشلەر بىلەن قارشىلىق كۆرسىتش ھوقۇقى بار دىيلگەن.»دىېيىلگەن.قوراللىق كۆرەش بۇ ئەھۋالدا تىرورلۇق ھەرىكەتلىرىدىن پەرقلەندۈرۈلگەن.بۇ خەلقئارا قانۇن تەرىپىدىن بىرىلگەن ھوقۇقتۇر.بۇ خىل پەرقلەندۈرۈش بىر نەچچە خەلقئارالىق قانۇنلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان.مەسلەن ، (OAU )نىڭ 3-ماددىسدا: «خەلقلەرنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە پىرىنسپلارغا ئاساسەن مۇستەملىكىچى چەتئەل كۈچلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى، بېسۋىلىشىغا قارشى – ئ‍ۆز ئازاتلىقى، ئۆزىگە ئۆزى خوجايىن بولۇشى ئۈچۈن ئىلىپ بارغان قوراللىق كۆرەشلىرى تىرورلۇق دەپ قارالماسلىقى لازىم.»

ئەلجەزىرەنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ختاي يەنە مۇنداق دىگەن: «ھازىرقى ئەھۋالدا، ئ‍سرائىلىيە پەلەستىن خەلقى ئۈچۈن بىر بېسۋالغۇچى چەتئەل كۈچى ھسابلىنىدۇ، ئۇنىڭغا قارشى قوراللىق كۆرەش-تىرورلۇق ئەمەس.»

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.