نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ختاي ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىنىڭ نامى ئۆزگەرتمەكچى ئىكەن

ئۈرۈمچى ئايرۇدۇرۇمى


ختاي دائىرلىرى جۈملىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكىتىدە 23-ئىيۇل «شەھەر ئاھالىلىرىدىن ئاشكارا پىكىر ئېلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ئېلان قىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى ئايرۇدۇرۇمىنىڭ ئ‍سمىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئاممىدىن پىكىر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ئىلان قىلغان. ختاي تەرتىپ بويىچە ئاممىغا پىكىر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى تارقاتسمۇ، ئادەتتە ئاممىنىڭ قارشى پىكىرلىرىنى ئاڭلىمايدىغانلىقى ئ‍سپاتلانغان، شۇنداقلا ئ‍امما ئ‍ۆز نارازىلىقىنىمۇ بىلدۇرۇش ئىمكانى يوق.

ختاي مۇنداق ئىلان قىلغان:

«شىنجاڭ ئايرودۇرۇم (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، «ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمى»نىڭ نامىنى «ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايرودۇرۇمى»غا ئۆزگەرتىشكە قوشۇلماقچى بولدى. 30-ئىيۇلغىچە شەھەر ئاھالىلىرى شىنجاڭ ئايرودۇرۇم (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پوچتا ساندۇقىغا (jcnkbz@163.com) تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئەۋەتسە بولىدۇ.»

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.