ختاي سودا-سانائەت بانكىسى ئامېرىكا شۆبىسى خاككىرلىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ،تېجارەت توختىتىشقا مەجبۇر بولغان؛
تۇرغۇنجان تەييارلىدى؛
رويتىرىس ئاگېنتلىقى خەۋىرى قسقارتىلما تەرجىمىسى، 13-نويابىر
ختاينىڭ ئەڭ چوڭ تېجارەت بانكىسى سودا-سانائەت بانكىسى (ICBC)نىڭ ئامېرىكا شۆبىسى چارشەنبە كۈنى خاككىرلىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، نورمال تېجارەت قىلىشقا مۇمكىن بولمىغان، ھەتتا خىزمەتچىلەر ئورگان ئېمەيىلنى ئشلىتەلمىگەن.
نۆۋەتتە، بۇ خاككىرلىق مەسلىسى ئامېرىكا فېدارتسيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرىلىۋىتىپتۇ. سودا-سانائەت بانكىسى جۈمە كۈنى ئىلان قىلغان دوكلاتتا، تور بېخەتەرلىك شركەتلىرى بىلەن تىز سۈرئەتتە ئشلەپ، دۈشەنبە كۈنى نورمال خىزمەتكە قايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
(ئىلان: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ ئېقتساد ۋە تېخنىكىغا ئائىت خەۋەرلىرى -ئورقۇن ئۇيغۇر كاپىتالى تەرىپىدىن تەشەببۇس قىلىندى. )