نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ختاي غۇلجىدىن ئالمۇتاغا ھەپتىدە ئىككى قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاچتى، پەقەت 55 مىنۇتلا كېتىدۇ.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى-ئۇيغۇر تايمىز خەۋىرى، 26-ماي

ختاينىڭ خەلق تورى خەۋەر قىلىشىچە، 

5-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ئىلى غۇلجا خەلقئارا ئايروپورتى غۇلجىدىن ئالمۇتاغا بارىدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى رەسمىي ئاچقان. قازاقىستان «فېيشى» ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئالمۇتادىن غۇلجىغا قاتنايدىغان خەلقئارا قەرەللىك يولۇچى تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتى. ختاينىڭ بىلدۈرىشچە،  بۇ غۇلجا بىلەن ئالمۇتا ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش قولايلىقىنىڭ يەنىمۇ ئۆسۈپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ۋاقتىنىڭ زور دەرىجىدە قىسقىراپ، ئىككى جاينىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق كۆپ جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

قازاقستان ئۇزۇندىن بىرى ختاي بىلەن بولغان مۇناسۋەتنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىپ، ئاستا-ئاستا ختايغا ئېقتسادى، تېخنىكا جەھەتتە ئىغىر دەرىجىدە بېقىندى دۆلەتكە ئايلاندى.ختاينىڭ بۇ قېتىم بىۋاستە غۇلجىدىن ئالمۇتاغا ئاۋىئاتسيە لىنىيەسى ئ‍ېچىشى-ئۇنىڭ سودا مەنپەئىتىدىن باشقا، يەنە تەشۋىقات رولىنىمۇ ئۆتەيدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.