نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ختاي ئەندىشە ئىچىدە قەشقەردە «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى»نامىدا خەلقئارالىق يېغىن ئاچقان

ختاي ئەندىشە ئىچىدە قەشقەردە «جۇڭگو شنجاڭنىڭ شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى»نامىدا خەلقئارالىق يېغىن ئاچقان

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 13-ئ‍يۇن

 «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى» تېمىلىق خەلقئارالىق مۇنبەر 12-ئىيۇن قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن.

ختاي دۆلەت تەشۋىقاتى خەلق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر مۇنبەردە «ئارخېئولوگىيە، تارىخ ساھەسىدىكى خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تارىخ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلەشكەن تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ختاي بىلەن چەت ئەلنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆرنەك ئېلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان.»

 ختاينىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ختاي مەزكۇر يېغىننى ئاتالمىش شنجاڭنىڭ مۇستەقىللىقىدىن ئەنسرىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرىۋاتقانلىقى مەلۇم.چۈنكى مەزكۇر يېغىن «شنجاڭ ئەزەلدىن ختاينىڭ بىر قسمى»دىگەن نەزەرىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئ‍ېچىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن خىتاينىڭ خەلقئاراغا ئۇيغۇرستاننى ئ‍ۆزىنىڭ زېمىنى دەپ تەشۋىق قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقان تىرشچانلىقلىرىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

تۆۋەندىكى قۇرلار بۇنىڭ ئ‍سپاتى: مەزكۇر يېغىنغا «قازاقىستان، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، مىسىر قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتتىن كەلگەن مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن جەمئىي 170 تىن ئارتۇق كىشى مۇنبەرگە قاتناشقان شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيەسى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسى، شىنجاڭ تارىخى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك راۋانلىقى، غەربىي يۇرت يىپەك يولى بىلەن شەرق، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قاتارلىق باش تېمىلار مۇھاكىمە قىلىندى.«

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.