ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 7-دېكابىر
ختاي خەلق تورىغا ئاساسلانغاندا، پاراگۋاينىڭ ئاسۇنسىئون شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ـ پەن ـ مەدەنىيەت تەشكىلاتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىتېتىنىڭ 19 ـ نۆۋەتلىك دائىمىي يىغىنى 12 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى باھالاشتىن ئۆتكۈزۈپ، «باھار بايرىمى − ختايلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىلنى تەبرىكلەش ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتى»نى ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى قارار قىلغان.
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى (ئۇيغۇر تايمىز)نىڭ تەكشۈرشىگە ئاساسلانغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ـ پەن ـ مەدەنىيەت تەشكىلاتى ختاينىڭ مەزكۇر تەلىۋىنى رەسمى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە ئورگان ئۇقتۇرۇشى تارقاتقان.
بۇ خىل ختاينىڭ ئۆزىنى مەدەنىيەتلىك دۆلەت قىلىپ كۆرستىشتىكى بىر ئۇرۇنۇشى ھېسابلىنىدۇ.
More Stories
ئامېرىكا ئۇرۇش منستىرى خىتاي بىلەن مۇناسۋىتى ھەققىدە يېڭى بايانات بەردى
شىمالىي ياۋروپانى كۈلدۈرگەن مەشرەپ ۋە مىڭ ئۆي
ترامپ: ئۇكرائىنا ئۇرۇشى خىتاي بىلەن روسسىيەنى بىرلەشتۈرۈپ قويدى