ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 3-فېۋرال
ختاي ھۆكۈمەت تەشۋىقات ۋاستىسى بولغان تەڭرىتاغ تورىينىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئاتالمىش شىنجاڭ ساياھەت ۋە مەدەنىيەت يېغىنىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ختاي ھۆكۈمىتى مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرستاندا 2023-يىلى جەمئى 5600 مەيدان تىجارەت خاراكتېرلىك كۆڭۈل ئئېچىش خاراكتېرلىك ئويۇن ، ۋاە 120 مەيدان سياسىي خاراكتېرلىك تىياتىر، مۇزىكا ۋە كونسېرت كېچىلىكى بار ئىكەن.بۇ ئويۇنلار ئىچىدە، «چېگرا قوغدىغۇچى»، «بەنچاۋ»،«بەخت ئىلىپ كىلىدىغان ئالتۇن پويىز»، «تەڭرىتاغدىكى قار» قاتارلىق كومېدىيە، تارىخى دراما ۋە سېرىك تىياتىر نومۇرلىرى بار ئىكەن.
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئورگان باھاسى:
ختاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقى قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى ئۆزى ئارزۇ قىلغان دەرىجىدە ئىلىپ بارغاندىن كىيىن، رايوندا بار كۈچى بىلەن تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى جانلاندۇرۇپ، ئىچى ۋە دۇنيادا، خۇددى ئۇيغۇرلاردا ئويۇن-تاماشا ۋە كۆڭۈل-ئېچىشتىن باشقا ھېچقانداق ھەرىكەت يوقتەك، ساختا خاتىرجەملىك،خوشاللىق كۆرۈنۈشى پەيدا قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ تەنقىدىگە تاقابىل تۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ.
رەسىم مەنبەسى: ختاي ھۆكۈمەت تور بېكىتى
More Stories
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى ساختا تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىدى
سەنۇبەر تۇرسۇن ئۇيغۇرچە «سالام ئەليۇرت» ناخشىسىنى خىتايلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر جامائىتىگە سۇنغان
چىرايلىق ئۇيغۇر قىزىنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي ياتلىق قىلىنىشى توغرىسىدىكى نەق مەيدان ۋىدېئو كۆرۈنۈشى كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.