نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

خوڭكوڭ ئ‍نسانى ھوقۇق قانۇن لايىھىسى-رەسمى قانۇنغا ئايلاندى!

پىرەزدىنىت تىرامپ-«مەن بۇ قانۇننى شى جىنىپىڭغا، ختتاي خەلقىگە،خوڭكۇڭلۇقلارغا بولغان ھۇرمىتىم ئۇچۇن ئىمزا قويدۇم »دىدى.بۇنىڭ ئالدىدا ئۇ بۇ قانۇنغا ئىمزا قويمايدىغانلىقى ھەققىدە سۆز قىلغانىدى.

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان،ئ‍ۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

 

U.S. President Donald Trump signs an Executive Order to address the issue of missing and murdered Native Americans during a ceremony in the Oval Office at the White House in Washington, U.S. November 26, 2019. REUTERS/Jonathan Ernst

 

ۋاشنگىتون،2019-يىلى ،27-نويابىر سائەت 18:57

 

ئامېرىكا پىرەزدىنتى تىرامپ خوڭكوڭ ئ‍نسانى ھوقۇق ۋە دىموكراتىيە قانۇن لايىھىسگە ئىمزا قويدى،شۇنىڭ بىلەن بۇ لايىھە رەسمى قانۇنغا ئايلاندى.

 

خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ختتاي كومپارتىيسى كونتىرۇللۇقىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇق تۇزۇلمىسدىن  پەرقلىق بولغان بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۇزۇم بولۇش ستىمىسى -بۇ يىل باشلانغان مەھبۇسلارنى چوڭ قۇرۇقلۇققا ئۆتكۇزۇپ بىرىش قانۇنىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن خىرىسقا ئۇچرىغان بولۇپ،خوڭكوڭلۇقلار بۇنىڭغا قارشى يىرىم يىلدىن كۆپرەك ئىزچىل كۆرەش قىلدى،بۇ نەتىچىدە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ 26-نويابىردىكى رايون سايلىمىدا ،دىموكراتىيەگە ۋەكىللىك قىلىدىغان قانۇن چېقىرىش ئەزالىرى غەلبە قىلدى.

 

دۆلەت مەجلىسى بىردەك بۇ قانۇن لايىھسنى تىزلا ماقۇللىغان بولۇپ،بۇ ئامېرىكا سياسى ساھەسدىكى دىموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ بىردەك ختتايغا بولغان قاتتىق مەيدانىنى ئەكىس ئەتتۇرىدۇ.

 

بۇ قانۇن لايىھسنى ئۇيغۇر ئ‍نسانى ھوقۇق سياسى ھەرىكەت قانۇن لايىھسنى تونۇشتۇرغان ماركۇ رۇبىئۇ تونۇشتۇرغان بولۇپ،بۇ قانۇن خوڭكوڭنىڭ ئ‍نسانى ھوقۇقى ۋە دىموكراتىيەسنى كۇچلۇك قوغدايدىغان قورال بولىدۇ.ختتاينىڭ قورال ئ‍شلىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ دەپ قارالماقتا.

 

پىرەزدىنىت تىرامپ-«مەن بۇ قانۇننى شى جىنىپىڭغا، ختتاي خەلقىگە،خوڭكۇڭلۇقلارغا بولغان ھۇرمىتىم ئۇچۇن ئىمزا قويدۇم »دىدى.بۇنىڭ ئالدىدا ئۇ بۇ قانۇنغا ئىمزا قويمايدىغانلىقى ھەققىدە سۆز قىلغانىدى.

 

ئۇيغۇرلار خوڭكۇڭلۇقلارنىڭ بۇ غەلبسنى تەبرىكلەيدۇ ۋە ئۆزىمۇ بۇ كۇنلەرنىڭ تىزراق كىلىشنى ۇتىدۇ.

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.