ئافراسياپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
19- يانۋار، ۋاشىنگتون
ئامېرىكىنىڭ كېلەركى نۆۋەتلىك دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى نامزاتى ئانتونى بىلىنكىن 19- يانۋار چۈشتىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ «مايىك پومپيونىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قىرغىنچىلىق دەپ ئېلان قىلغانلىقىغا قانداق قارايسز؟» دەپ سورىغان سوئالىغا: «مېنىڭمۇ قارارىم شۇنداق.» دەپ جاۋاب بەردى.
ئەنگىلىيە پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى ۋە ئامېرىكا ئاۋازى بايدىننىڭ سايلام ئەترىتىنىڭ 2020- يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»دەپ ئېلان قىلغانلىقى ۋە ترامپتىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كەسكىن ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى قايتا خەۋەر قىلدى.
More Stories
ئارگېنتىنا يۇقىرى جىنايى سوت مەھكىمىسى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىنىڭ ئاساسنى قوبۇل قىلدى
خەت: بىز لېيبور پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قارارىدىن ۋاز كەچكەنلىكىدىن ئۈمىدسىزلەندۇق
2024-يىلى ب د ت دا ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 15 كە چۈشۈپ قالدى