نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

خىتاي ئولىمپىكى مەزگىلىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى يەنە قىزىق تېمىغا ئايلاندى

خىتاي ئولىمپىكى مەزگىلىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى يەنە قىزىق تېمىغا ئايلاندى

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 8-فېۋرال 2022-يىلى

4-فېۋرال بېجىڭدا باشلانغان خىتاي قىشلىق ئولىمپىكى ئىچىلىش مۇراسىمىدا خىتاينىڭ دىلنىگار ئىلھام ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قىزىنى مەشئەل كۆتۈرگۈچى قىلىشى بىلەن پۈتۈن تاراتقۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىزىنى ئولىمپىك كۆتۈرگۈچى قىلىش قارارى ۋە مەقسىتى ھەققىدە كۆپ تالاش-تارتىش ۋە مۇنازىرە قوزغىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى غەربنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئولىمپىكنى بايقۇت قىلغان دۆلەتلەرنى تەنتەربىيەنى سياسىيلاشتۇردى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىزىنى مەشئەل ياققۇچى قىلغانلىقى، خىتاينىڭ تەنتەربىيەنى سياسىيلەشتۈرگەنلىكىنىڭ تېپىك مىسالى دەپ قارالدى.

ئولىمپىك داۋاملاشماقتا، سوتسىيال مېدىيا ۋە خەلقئارا مىدىيالاردا خىتايغا قارشى ۋە خىتاينى ھىمايە قىلغۇچىلار ئوتتۇرىدا ئۇچۇر ئۇرۇشى داۋام قىلماقتا.

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.