بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 7- فېۋرال
(تولۇق ماۋزۇ) خىتاي ۋە ئەنگىلىيە تەرەپ ب ب س ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ جىنسىي خورلۇققا ئۇچراش توغرىسىدىكى خەۋىرىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى
ب ب س ئېرىشكەن يېڭى گۇۋاھلىق سۆزلىرىدە، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) يىغىۋىلىش لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ توپلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىنىش قاتارلىق ھەر خىل جىنسىي خورلۇققا ئۇچرايدىغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ب ب س نى «ھېچقانداق ئاساسى يوق» دەپ ئەيىبلىدى. ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بولسا خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئالىي مۇتەخەسسىسلىرىگە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) نى ئېچىۋىتىش، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈشىگە يول قويۇپ، ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.
بىر قانچە پارلامېنت ئەزاسى ۋە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ب ب س نىڭ بۇ خەۋىرىگە ئۆز كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن ئىسپاتلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇلار يەنە يىغىۋىلىش لاگېرلىرىدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئەنگىلىيەگە كىرىشىنى توسۇشنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىمۇ ب ب س نىڭ بۇ خەۋىرى ئەكىس ئەتتۈرگەن ئەھۋالنىڭ ئادەمنى چۆچۈتىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەنبە: https://www.bbc.com/zhongwen/simp/chinese-news-55947430
More Stories
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى ساختا تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىدى
ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كۈچلۈك بولغان «ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى خالايمىز»دىدى، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى»نى تىلغا ئالمىدى.
پارتلاتقۇچ: ئەنگىلىيە ھۆكۈمەتتىكى پارتىيسى ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش قارارىدىن ۋاز كەچتى