ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارى: خىتاي كەلگۈسى ئالەم بوشلۇقىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت
ئارمان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 20-فېۋرال
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 18-فېۋرال ئامېرىكىنىڭ ئالەم ھەربىي ئىشلىرىغا مەسئۇل گېنېرالى Bradley Saltzman ميۇنخېن تىنچلىق يىغىنىغا قاتنىشىش مەزگىلىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ خىتاينى كەلگۈسى ئالەم بوشلۇقىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ تەرىپلىگەن.
ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېگەن: « بىز چوقۇم مۇنداق بىر ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك، ئالەم بوشلۇقى رىقابەت ساھەسىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتچىلىرىمىز بۇ جەھەتتە نۇرغۇنلىغان يېڭى تىپتىكى قوراللارنى ئىشلەپ چىقاردى، ئاساسلىقى خىتاي بىلەن رۇسىيە قورال سىناقلىرىنى ئېلىپ باردى، ھەتتا بەزى ئەھۋاللار ئاستىدا بۇ قوراللارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى.»
گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي تەرەپ ئەمەلىيەتتە 2007-يىلى ۋە 2019-يىللىرى راكېتا بومبىسى ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىدىكى سۈنئىي ھەمراھلارنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ تەجرىبە قىلغان. 2021-يىلى رۇسىيە يەر يۈزىدىن قويۇپ بەرگەن راكېتا بىلەن ناتونىڭ بىر دانە سۈنئىي ھەمراھىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن ئىكەن.
More Stories
مايك گاللاگىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى كورونا ۋىرۇسىنىڭ لابوراتورىيەدىن تارقالغانلىقىنى يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن ھېساب سوراشقا چاقىردى.
رۇبىئۇ: ئەگەر بىز ھازىرقى ئوخشاش يولدا ئون يىل ماڭساق، ختاي ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ
ختاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «بىرنەچچە تال ئامېرىكا قورالى ئىككى قىرغاقنىڭ ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ»