خىتاي ـ تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخى مۇساپىسى ۋە ئۇيغۇرلار
كۆلتېگىن
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]
2016- يىلى 7- ئاينىڭ 15-كۈنى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان سىياسى ئۆزگىرش ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار سىياسىتىنىڭ بۇرلۇش نوقتسىدۇر. ئەسلىدىنلا بارغانسىرى يىركلىشىشكە قاراپ مېڭۋاتقان تۈركىيە ۋە غەرب مۇناسىۋىتى ، بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى تۈركىيە ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ، بۇ سىياسي ئۆزگىرشتىن كىين رەسمىي تۈردە يامانلاشتى. چۈنكى ئەردوغان ھۆكۈمىتى بۇ قېتملىق سىياسي سۈيقەستنى ئامېرىكىدا پاناھلىنىپ تۇرۋاتقان دىني لىدىر فەتۇللاھ گۈلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ قىلدى دەپ قارىدى. دېمسىمۇ ئەردوغان سىياسي ئۆزگىرش قىلغۇچىلارنى مەغلۇپ قىلىپ تا ئۈچ كۈن ئۆتۈپ كەتكۈچە ، تۈركىيەنىڭ ئىستراتىگىيلىك ئىتپاقدىشى بولغان ئامېرىكىدىن سادا چىقمىدى. ياۋرۇپا دۆلەتلىرىمۇ باشتىكى بىر ئىككى كۈن ھېچنىمە دېمىدى. ھەتتا خىتاينىڭ بەزى خەۋەلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە ، سىياسي ئۆزگىرش بولغان ئو كۈنى ئەردۇغان دەم ئېلۋاتقان مارمارستىن قېچىپ گىرمانىيەگە قاراپ ئۇچقان ، لىكىن گىرمانىيە ئەردوغاننىڭ قونۇشىغا رۇخسەت قىلمىغان . تەبئي ، تۈركىيەدە ھىكايە بۇنداق ئەمەس ، ئەردوغان ھىچقانداق يەرگە قاچمىغان. (قاچقانلىق ياكى قاچمىغانلىق تېخى ئېنىق بولغان بىرھادىسە ئەمەس ). ئەردوغاندىن ھەممىدىن بۇرۇن ھال سورغىنى تېخى ئالتە ئاينىڭ ئالدىدىلا تۈركىيە تەرپىدىن ئايرۇپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئىچىدە غۇم ساقلاپ يۈرگەن رۇسىيە پىرزدىنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بولدى. پۇتىننىڭ دىپلۇماتىيەدىكى بۇخىل كەڭ قورساقلىقى تۈركىيەنىڭ يۈزىنى غەربتىن شەرىققە قارتىشىغا سەۋەپ بولدى. ئەردوغان ھۆكۈمىتى ئۆزىنى غەرىب ۋە ئامېرىكا تەرپىدىن كولدۇرلىتلدى دەپ قارىدى. بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە تاشقى سىياسىتىنى قايتىدىن بەلگىلەپ چىقماقچى بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئالاھىدە ئىتبار بېرىلدى. رۇسىيە بىلەن ئۇمۇميۈزلۈك دېگۈدەك ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورناتتى. خىتاي بىلەنمۇ نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە ئىلگىرى ھىچ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتتى ياكى ئورناتقاندەك كۆرۈندى . بۇ ماقالىدە خىتاي ـ تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخى تەرەقىيات مۇساپىسى ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈردىغان ۋە چەكلەيدىغان ئامىللار شۇنداقلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسلىسىنىڭ تۇتقان ئورنى مۇھاكىمە قىلىندۇ.
1923- يىلى قۇرۇلغانىدىن تارتىپ ئۆزىنى غەربنىڭ بىر پارچىسى قىلش ئۈچۈن تىرشىپ كەلگەن تۈركىيە تاشقى مۇناسىۋەتتىمۇ غەرب دۇنياسى بىلەن تەڭ قەدەمدە مېڭىپ كەلدى . شۇڭا تۈركىيە تاشقى مۇناسىۋىتىنى غەربنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياستىدىن ئايرىپ قارغىلى بولمايدۇ. خىتاي ـ تۈركىيە مۇناسىۋىتىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ 70 – يىللاردىن باشلاپ ئورنىتلىشى بۇنىڭ ئەڭ يارقىن مىسالىدۇر. ئاتا تۈرك ھەممىدىن بەك تەشەببۇس قىلغان غەربتىن ئۈگىنش دولقۇنى تۈركىيەنى سىياسي جەھەتتىن شەرىق لاگىرىدىن غەرب لاگىرىغا ئېلىپ كىردى. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن تۈركىيە تاشقى سىياسىتى ئاساسەن دېگۈدەك غەرىب بىلەن ماس قەدەمدە بولۇپ كەلدى. بولۇپمۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرشى دەۋرىدىكى ئىككى قوتۇپلۇق دۇنيادا ئەھۋال تېخىمۇ شۇنداق بولىشى كېرەك ئىدى ۋە شۇنداق بولدى. بۇ سەۋەبتىن تا 1970- يىللارغا كەلگۈچە تۈركىيە خىتاي بىلەن ھىچقانداق دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتمىدى. چۈنكى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكا خىتاينى سۆۋىت ئىتپاقى بىلەن ئوخشاش غەربنىڭ دۈشمىنى دەپ قارايتى. 70- يىللارنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا خىتايغا قارتا يۇمشاق سىياسەت يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. سەۋەبى بولسا سۆۋىتكە قارشى سوغۇق ئۇرۇشتا خىتاينى ئۆز ينىغا تارتىش ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ۋە ناتو دۆلەتلىرى 1971- يىلدا خىتاينىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كىڭشىدىكى ئورننى ئىتراپ قىلدى . بۇرۇن بۇ ئورۇن تەيۋەننىڭ ئىدى. ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ بۇ سىياستى خىتاي ـ تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقەددىمسىنى ئاچتى.
خىتاي ۋە تۈركىيە ئوتتۇرسدىكى دىپلوماتىك زىيارەتلەر
خىتاي غەرب ۋە ئامېرىكا تەرپىدىن ئىتراپ قىلنغاندىن كىين ، 1972- يىلدا تۈركىيە بىلەن بىر قاتار كېلشىملەر ئىمزالىدى. بۇلار تىجارەت كىلشىمى، كونسۇلخانا قۇرۇش ، ساياھەتچىلىك، ئاۋىياتسىيە ۋە دورىگەرلىك قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. لىكىن 1979-يىلى ئامېرىكا پىرزدىنتى نىكسون خىتاينى زىيارەت قىلغاندىن كيىن خىتاي ـ تۈركىيە مۇناسىۋىتى ھەقىقىي تۈردە راۋجلىنشقا باشلىدى . ئىككى دۆلەت ئوتترسدىكى تۇنجى قېتملىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى 1982- يىلىدا تۈركىيە پىرزدىنتى كەنان ئەۋرەن ( Kenan EVREN) نىڭ خىتاينى زىيارەت قىلشى بىلەن باشلاندى. ئۈچ يىلدىن كىين خىتاي رەئىسى لى شىيەننىيەن (李先念) تۈركىيەگە كەلدى . ئارقىدىنلا 1985- يىلى باش مىنستر تۇرغۇت ئۆزەل (Turgut ÖZAL) خىتايغا باردى ۋە 1986- يىلى خىتاي زۇڭلىسى جاۋ زىياڭ (赵紫阳) تۈركىيەنى زىيارەت قىلدى. بۇۋاقىتلاردىكى دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلاردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكۈدەك مۇھىم ھەمكارلىقلار يوق ئىدى. چۈنكى تۈركىيە دىپلۇماتىيسى يەنىلا سوغۇپ مۇناسىۋەتلەر ئۇرشىنىڭ چەكلمسىگە ئۇچراپ تۇراتتى. سۆۋىت يىمرىلگەندىن كىين تۈركىيەدىن 1995-يىلىدا جۇمھۇر باشقانى سۇلايمان دەمرەل (Süleyman DEMİREL) ۋە 1998- يىلدا تاشقى ئىشلار مىنسترى ئىسمايىل جەم (İsmail CEM) خىتايدا زىيارەتتە بولدى. بۇ ۋاقىتتا تۈركىيە سۆۋىت ئىتپاقىنىڭ يىمىرىلگەنلىكدەك تارىخى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ غەربىي تۈركىستاندا (ئوتترا ئاسىيا ) يېڭىچە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي نوپۇزىنى ئاشۇرۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ لىكىن تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچى مەسلىلىرى، پارس قولتۇقى ئۇرشى ۋە بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى سىياسي ئىتپاقسىزلىق سەۋەبىدىن بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشمىدى ياكى كۈتكەندەك نەتىجە بەرمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي بۇيەردە تۈركىيەنىڭ تەسىر دائىرسىنىڭ ئېشىپ كىتشىنى ئەسلا خالىمايتى. چۈنكى تۈرك بىرلىگى خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىران ئەڭ قارشى تۇردىغان سىياسى ئىتپاق ئىدى. شۇڭا خىتاي ئىراننى غەربىي تۈركستاندا ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرسىدىن پايدىلىنىپ تۈركىيەنى چەكلەشكە چاقىردى. ئۈچ جاھانگىر دۆلەتنىڭ جۇغراپىيلىك ۋە سىياسى تەسىرى ئاستىدا قالغان غەربىي تۈركستان جۇمھۇرىيەتلىرى خالسىمۇ تۈركىيە بىلەن كۆڭۈلدىكىدەك سىياسى ئىتپاق تۈزەلمەيدىغان ھالەتكە كېلىپ قالدى. ئەلۋەتتە ، بۇ مەزمۇنلا بۇ ماقالە بىلەن مۇناسىۋەتسىز ، شۇڭا چۇڭقۇرلاپ كىرمەيمىز.
خىتاي ـ تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش باسقۇچى 2000- يىلىدا باشلاندى. يەنى 2000-يىلى 4- ئايىدا جياڭ زىمىن (江泽民) ئاكتىپلىق بىلەن تۈركىيەگە زىيارەتكە كەلدى. ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ مۇنداق ئىككى مەقسىدى بار ئىدى .بىرى، بار بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، يەنە بىرى بولسا خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا(WTO) كىرشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دىئاسپوراسى جياڭ زىمىننىڭ زىيارتىدن بۇرۇن كۈچلۈك نارازىلقىنى بىلدۈردى. جياڭ زىمننىڭ بۇ زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسلىسىمۇ خىتاي ۋەكىللىرى تەرپىدىن تۇنجى قېتىم ئاشكارا بىر شەكىلدە ئوتترىغا قويۇلدى. مەقسىدى بولسا ئاتالمىش تېرورىزىم ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۈركىيەنى «ھەمكارلىق » قا چاقىرش ئىدى. موشۇ زىيارەتتىن كىين ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى نۇرغۇن ساھەلەر بويىچە تەرەققي قىلىشقا قاراپ ماڭدى. لىكىن تۈركىيە، ئۇيغۇر مەسلىسىگە ھەر دائىم ناھايتى سوغۇققان مۇئامىلە تۇتتى. يەنى خىتاينىڭ دېگەن يىرىدىن چىقمىدى. لىكىن ئوتترا شەرق مەسلىلىرىدە ئىككى دۆلەتنىڭ پىكىر بىردەكلىكى تەرەققىي قىلىپ كەلدى. چۈنكى ھەر ئىككىلا دۆلەت ئېنىرگىيەگە تاينىشچانلىقى يۇقىرى ۋە ئۈزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىى ئۈچۈن يېڭى بازارغا ئىھتىياجلىق ئىدى ۋە بۇ نوقتىدىن قارىغاندا ئوتترا شەرىقنىڭ موقۇملىقى ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەتىگە تەسىر كۆرسىتەتتى.
2001- يىلدىن 2011- يىلىغىچە ئەردوغان(Recep Tayyip Erdoğan ) خىتاينى ئىككى قېتىم ( بىر قېتىم ئاق پارتىيەنىڭ باشقانى ۋاقتىسىدا ، يە بىر قېتىم بولسا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باشباقانى (زۇڭلى) سالاھىيتى بىلەن )زىيارەت قىلدى . بۇنىڭدىن كىين ئابدۇللاھ گۈل (Abdullah GÜL)بىر قېتىم تاشقى ئىشلار مىنسترى سالاھىيتى بىلەن يەنە بەر قېتىم جۇمھۇر باشقانى سالاھىيتى بىلەن جەمئي ئىككى قېتىم ۋە ئەھمەد داۋۇت ئوغلۇ (Ahmet DAVUTOĞLU) تاشقى ئىشلار مىنسترى سالاھيتى بىلەن بىر قېتم زىيارەت قىلدى. بۇ تارىخ ئىچىدە خىتاي تەرەپتىن بولسا تۈركىيەگە رەئىس ياكى زۇڭلى دەرىجىلىك ھىچقانداق زىيارەت بولمىدى.
خىتاي ۋە تۈركىيە ئوتترسدىكى ئىقتسادى مۇناسىۋەت
80- يىللار ھەر ئىككى دۆلەت ئىقتسادىنىڭ بۇرلۇش نوقتسى بولۇپ ھېسابلىندۇ. خىتايدا دىڭ شىياۋپىڭنىڭ ئىچۋىتىش سىياستىدىن كيىن خىتاينىڭ ئىقتسادى ئىپتدائي شەكىلدىن زامانىۋي شەكىلدىكى ئىقتسادقا قاراپ تەرەققىي قىلدى. تۈركىيەدىمۇ باش باكان ئۆزەل يېڭى ئىقتسادى سىياسەت پىروگىراممىسىنى ئوتترىغا قويۇپ تۈركىيە ئىقتسادىنى پىلانلىق ئىگلىكتىن كۆپ خىل ۋە ئەركىن ئىگلىككە باشلاپ كىردى.
ئىككى دۆلەت ئوتترسدىكى ئىقتسادى مۇناسىۋەتىنىمۇ 1990- يىللاردا رەسمىي باشلاندى دېيشكە بولىدۇ. گەرچە 80- يىللادىكى ۋاشىنگىتون كىلشىمى ( Washington Consensus ) روھىغا ئاساسەن ئىككى دۆلەت بەزى كىلشىملەرنى تۈزگەن بولسىمۇ لىكىن ئەمەلىيلىشىشى كۆرىنەرلىك بولمىغان . سوغۇق ئۇرۇشتىن كىين خىتاينىڭ تۈركىيە بازىرىغا كىرشكە ئۇرنىشى ۋە تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاسىيا بازرىغا كىرشتە خىتاينى سەكرەش تاختىسى دەپ قارشى بىلەن ئىككى دۆلەت ئىقتسادى مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرشكە باشلىغان . لىكىن نەتىجىدە خىتاي كۆزلىگەن نىشانىغا يىتىپ ھەتتا ئېشىپ كەتكەن ،تۈركىيە بولسا كۈتكەن نەتجىنى كۆرەلمىگەن. سۋەبىنى مۇنداق ئىككى تۈرلۈك دەپ قاراشقا بولىدۇ. بىرى خىتاي ماللىرىنىڭ تەننەرخىنىڭ ئەرزان بولىشى ئاسىيادا تۈركىيە ماللىرىنى رىقابەتتە يېڭىپ چىققان . يەنە بىرى بولسا ، تۈركلەرنىڭ خىتاي ۋە شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەققىدىكى بىلىمنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقىدىن بولغان . 90- يىللاردا تۈرك تىجارەتچىلىرىنىڭ قىلىغىنى بولسا كۆپىنچە خىتاينىڭ ئەرزان ماللىرىنى تۈركىيەگە ئىمپورت قىلىش بولغان. شۇنداق بولسىمۇ 90- يىللاردا تۈركىيە ۋە خىتاي ساياھەتچىلىك، دورىگەرلىك ، قوش تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش ، تېخنىك ھەمكارلىقى ۋە ئېنىرگىيە قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرگەن. لىكىن بۇ ھەمكارلىقنىڭ ھەممسىدە پايدا ئالغان تەرەپ خىتاي بولغان . خىتاينىڭ ئەرزان تەننەرخلىك ماللىرى ۋە غايەت زور كاپىتالنىڭ جۇغلىنشى تۈركىيەنى پايدسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان . مەسلەن 1995- يىلدا تۈركىيەنىڭ خىتايغا قىلغان ئىكسپورتى 81% چۈشۈپ كەتكەن بولسا ، خىتاينىڭ تۈركىيەگە قىلغان ئىكسپورتى 109% ئاشقان . 2001- يىلى خىتان دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغاندىن كيىن بولسا بۇ ۋەزىيەت تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ ماڭغان . تۆۋەندىكى جەدۋەل 2001- يىلدىن 2016-يىلغىچە بولغان خىتاي ـ تۈركىيە تىجارەت تەڭپۇڭلىقىنى كۆرستىدۇ:

تۈركىيە خىتاينىڭ ئىقتسادى جەھەتىن ئىچۋىتلىشىنى ئۈزىگە بىر پۇرسەت دەپ بىلگەن بولسىمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك خىتاينى ۋە بازىرىنى تونۇشىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن سودىدىكى پاسسىپ بالانسىنى ئۆزگەرتەلمىگەن. خىتاي تۈركىيە سودا مۇناسىۋىتىدە يەنە مۇنداق ئىككى مەسىلە ساقلانغان بولۇپ بىرى ، خىتاينىڭ تېخنىكا ئوغۇرلشى ، يەنە بىرى بولسا خىتاينىڭ سۈپەتسىز ماللىرىنىڭ تۈركىيەگە كىرشى بىلەن تۈرك ماللىرىنىڭ رىقابەتتە پۇت تىرەپ تۇرالماسلىقى ياكى سۈپەتنى چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولىشىدۇر. خىتاينىڭ سۈپەتسز ماللىرىنىڭ تۈركىيە بازىرىنى قالايمىقان قىلشىنىڭ يەنە بىر مىسالى بولسا، ياپۇنىيە ۋە گىرمانىيە قاتارلىق چوڭ ۋە ئىناۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ماللىرىنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرىشىدۇر. تۈركىيەنىڭ توپ سېتىش بازارلىرىدىن بىرى بولغان ئەمىن ئۆنۇ (Eminönü) رايۇنىدا نۇرغۇن سودىگەرلەر خىتايدىن ئەرزان مال ئەكرىپ ، بۇلارنى ياپۇنىيە ياكى گىرمانىيەنىڭ ماركسىدىكى ئوخشاش مالنىڭ قۇتسىدا ئوراپ ، خېرىدارلارغا ياپۇنىيە ياكى گىرمانىيە مېلى دەپ ساتماقتا.
تىجارەتتكى بۇ قىزىل رەقەمنى تۈگىتىش ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاينى تۈركىيەگە مەبلەغ سېلشقا ئۈندىمەكتە. تۈركىيە تاشقى سودا مۇناسىۋەت ئويۇشمىسى ( Foreign Economic Relation Board) بىلەن خىتاي خەلقئارا تىجارەتنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتىتى ( China Council for the Promotion of International Trade) بىر قاتار مەبلەغ ۋە تىجارەت كىلشىملىرىنى ئىمزالىغان بولسىمۇ كۈتكەندەك نەتىجە ھاسىل بولمىغان . تۈركىيە سودا مىنسترلىكىنىڭ ستاستىكسىغا قارىغاندا 2013- يىلدا تۈركىيەدە مەبلەغ سالغۇچى نامىدا پامالىيەت قىلۋاتقان 36 مىڭ 300 شىركەتنىڭ ئىچىدە 540 ى خىتايغا تەۋە بولۇپ بۇلار تۈركىيەگە ئاران 400 مىليۇن دوللار مەبلەغ سالغان . بۇ رەقەم ئىككى دۆلەت ئارسىدىكى سودا قىزىل رەقىمنىڭ ئالدىدا ھىچقانداق بىر نەرسە ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ تۈركىيە خىتاينىڭ يىپەك يولى قۇرلۇش پىلانى ئىچىدە تۈركىيەگە نۇرغۇن مەبلەغ سېلشىنى كۈتمەكتە ۋە بۇ پىلان ئىچىدە ئۆزىنىڭ جۇغراپىيلىك ئەۋزەللىكىنىڭ تەڭداشسىز ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەكتە.
خىتاي ـ تۈركىيە ھەربىي مۇناسىۋىتى
تۈركىيە بولسا ناتوغا ئەزا دۆلەت ۋە بۇ سەۋەپتىن ھەربىي جەھەتتىن غەربنىڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك ياردىمگە ئىرشىپ كەلمەكتە ، ھىچبولمىغاندا 2015- يىلىغىچە شۇنداق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيە ئەزەلدىن ئەسكىرى جەھەتتىن كۈچلۈك بىر دۆلەتلىك ئەنئەنسى بار. خەلقئارا ھەربىي كۈچى كۆرسەتكۈچ قۇرلۇشىنىڭ ( Global Fire Power ) 2018- يىللىق سانلىق مەلۇماتىغا قارغاندا تۈركىيە دۇنيا ئۇنۋىرسال ھەربىي كۈچ جەھەتتە بۇلتۇرقى 8- ئۇرۇندىن 9- ئورۇنغا چۈشكەن . خىتاي بولسا ئىزچىل 3- ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە.
بۇ ئىككى دۆلەت ئوتترسدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتىمۇ ئوخشاشلا 1990-يىللاردىن كىين باشلانغان . خىتاي ۋە تۈركىيەنىڭ ئوتترا شەرىق رايۇندىكى ئىنرگىيە بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى ئورتاقلىقى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنىڭ بىر سەۋەبى بولۇپ قالغان. بىرنجى قېتملىق پارس قولتۇقى ئۇرشى (1990ـ1991)، كوسوۋو ئۇرشى (1992-1995) ۋە ئافغانستان ئىچكى ئۇرشى (1992-1996) تۈركىيە ۋە خىتاينىڭ بەزى تەرەپلەردە ئورتاق مەنپەتىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
1996-يىلى خىتاي ھاۋا ئارمىيە باش قوماندانى يۈ جىنۋۇ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى ۋە ئارقىدىنلا شۇ يىلى تۈركىيە ھاۋا ئارمىيسى باش قۇماندانى ئىسمايىل ھاككى كارادايى ( İsmail Hakkı Karadayı) خىتاينى زىيارەت قىلدى ۋە 24 تال WS-1 تىپلىق راكىتا كىلشمى ئىمزالىدى . بۇنىڭدىن كىين تۈركىيە خىتايدىن بوران ماركلىق راكىتا، چاقماق B611 تىلىق باشقۇرلدىغان بومبا شۇنداقلا قىسقا ۋە ئوتترا مەنزىللىك باشقۇرۇلدىغان بومبا تېخنىكسى قاتارلىق بىرقانچە ھەربىي ئەسلىھە ۋە تېخنىكىنى سېتۋالدى.گەرچە 2010- يىلى ئىككى تەرەپ رەسمىي ھالدا ئىستراتىگىيلىك ھەمكارلىق باسقۇچىغا يەتتۇق دەپ ئىلان قىلغان بولسىمۇ ئەملىيەتتە ئو باسقۇچقا تېخى يىتىپ بولالمىغان بولىشى مۇمكىن. مەسلەن 2001-2011 يىلغىچە تۈركىيە خىتايدىن ئارانلا 25 مىليۇن دوللار قىممتىدە قورال ياراق سېتۋالغان ، ۋاھالەنكى ، بۇ ئون يىلدا تۈركىيەنىڭ قورال ياراق ئىمپورتى جەمئي 6.8 مىليارد دوللار بولغان .
ئىككى دۆلەت ئارسدىكى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىگۈدەك يەنە بىر ھەربىي ھەمكارلىق بولسا، 2010- يىلىدا تۈركىيەنىڭ ئىسرائىليەگە قارشى ئۆتكۈزگەن ئانادولۇ بۈركۈتى ناملىق ھەربىي مانېۋرىغا خىتاينىڭمۇ قاتنىششىدۇر. بۇ مانۋېردىن بىر ئاي كىين تۈركىيە خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىسپارتا شەھرىدە بىرلىكتە ئەسكىرى مەشقلەندۈرۈش مانۋىرى ئېلىپ بارغان .
تۈركيە ـ خىتاي مۇناسۋىتىدىكى ئىككى سىياسى كىرىزىس
ھازىرقى دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرشى ھەتتا بىر رايۇندا دوسىت بىر رايۇندا دۈشمەن بولىشى ، بۈگۈنكى خەلقئارالىق مۇناسىۋەت قائىدسىدە غەلتە ھېسابلانمايدىغان بولدى. بۇنىڭغا سىياسەتچىلەر رىئال پولىتىكا دەپ ئىسم قويدى، يەنى ئىدولوگىيەنى تاشلاپ مەنپەتنى ئاساس قىلش سىياستى. تاشقى سىياسەت ئۇزۇن مەزگىللىك بولشى شەرت ئەمەس . بۇيىل رۇسىيە بىلەن ، كىلەريىلى خىتاي بىلەن، ئۇنىڭدىن كىيىن ئامېرىكا بىلەن دوسىت بولسا ھىچنىمە بولمايدۇ. تەبئي ، بۇ خىل سىياسەتنىڭ زىيىنى ئايرىم بىر مەسلە.
تۈركىيە دەل موشۇنداق سىياسەت يۈرگۈزىدىغان دۆلەت بولۇپ ، كۆپ قىسىم كىشى تەروپىدىن ئەيىپلەنسىىمۇ بۇ خىل سىياسەت تۈركىيەنىڭ سىياسى تۈزۈلمسى، جەمىيەت قۇرۇلمسى، مەدەنىيتى ۋە جۇغراپىيلىك قۇرۇلمسى تەرپىدىن بەلگىلەنگەن . خۇددى سەيمىل خانتىڭتون ئۆزىنىڭ «مەدەنىيەتلەر توقۇنىشى» دېگەن كىتابىدا سۆزلەپ ئۆتكىندەك تۈركىيە مەڭگۈ بىر ئارسالدى دۆلەت بولىشى مۇمكىن . خىتاي ـ تۈركىيە مۇناسۋىتىمۇ شۇنداق . يۇقارىدا نۇرغۇنلىغان ھەمكارلىق ئورناتقان تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق . بۇنىڭدىن سىرىت تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئوچۇق ئاشكارا كېلشەلمەيدىغان مۇنداق ئىككى تەرىپى بار. بەلكىم ئىككىدىن كۆپتۇر ،ئەمما مېنىڭ كۈزەتكىنم بۇ ئىككى تەرەپ . بىرى سىپروس مەسىلىسى، يەنە بىر ئۇيغۇر مەسىلىسى .
سىپروس مەسلىسىدە، تۈركىيە 1974-يىلدا سىپروسقا ئەسكەر چىقىرىپ شىمالىي سىپروسنى بۆلۈپ چىقتى ۋە ئۇزاق تالاش تارتىشتىن كىين كىلشەلمەي ئاخىرى 1983-يىلى تۈركىيەنىڭ ياردىمى بىلەن شىمالى سىپروستىكى تۈركلەر ئۆزلىرى خەلقئارانىڭ بېسمىغا قارىماي مۇستەققىلىقىنى ئىلان قىلدى. دۇنيادا تا ھازىرغىچە بۇ دۆلەتنى تۈركىيەدىن باشقا ھىچكىم ئىتراپ قىلمدى.
خىتاي ، سىپروس( جەنۇبىي سىپروس ) بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىردىغان بولۇپ مەقسىدى بولسا ياۋرۇپا ۋە ناتونىڭ خىتايغا قويغان قورال ياراق ئىمبارگوسىدا سىپروسنى پىچكا قىلىپ ئىشلتىش .
خىتاي ـ سىپروس دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىگە نەزەر سالدىغان بولساق ، ئىككى تەرەپنىڭ تۇنجى قېتملىق دىپلوماتىك ئۇچىرشىشى 2002 – يىلىدا سىپروس مۇداپىئە مىنسترى سوقراتس خاسىكوسنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىپ خىتاي مۇداپىئە مىنسترى چى خوتىيەن بىلەن ئۇچىرشىشى بىلەن باشلانغان . 4 ئايدىن كىين خىتاي زۇڭلىسى جۇرۇڭجى تۈركىيەگە قىلغان بەش كۈنلۈك زىيارىتى جەرياندا خىتاينىڭ سىپروس مەسلىسىدە ب د ت نىڭ قارار بويىچە ئىش قىلدىغانلىق مەيداننى بىلدۈرگەن. بۇدېگەنلىك شىمالدىكى تۈرك سىپروس جۇمھۇرىيتىنى ئىتراپ قىلمايمىز دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. 2003- يىلى خىتاينىڭ شىنخۇا گىزىتىدىكى ئانالىز خەۋىرىدە تۈركىيەنى سىپروسقا تاجاۋۇز قىلغان دېگەن جۈملىلەرنى قوللانغان .2004- يىلىمۇ خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى كوڭ چۈەن تۈنجى قېتىم رەسمىي تۈردە بايانات ئىلان قىلىپ ، خىتاينىڭ سىپروسنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زىمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 2005- يىلى سىپروس پىرزدىنتى تاسوس پاپادوپلوس خىتايغا زىيارەتكە بارغان ۋە ئاشكارا ھالدا ياۋرۇپا ئىتپاقىنىڭ خىتايغا قويغان قورال ئىمبارگوسىنى ئەيپلىگەن . 2006- يىلى يانۋاردا گىرتسىيە باش مىنسترى كوستاسمۇ ئوخشاش ياۋرۇپانى ئەيپلىگەن .
سىپروسنىڭ خىتاي ئۈچۈن يەنە بىر مۇھىملىقى بولسا ئونىڭ ياۋرۇپا ئىتپاقنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىدا ۋە خىتاي سىپروسنى ۋاستە قىلىش ئارقلىق ياۋرۇپا بىلەن بولغان تىجارىتىنى ئاشۇرۇشنى ئويلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئوتترا دېڭىزدا غايەت زور نىفىت ۋە تەبئي گازلارنىڭ بايقىلشى خىتاينىڭ ئىنرگىيسىنى كۆپ خىللاشتۇرشى ئۈچۈن بىر پۇرسەت بولۇپ ، سىپروس بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشى تۇتقاندا بۇ رايۇندىكى ئىنرگىيەدىن بىر كىشىلىك نىسىۋسىنى ئالالايدۇ. يەنمۇ دىققەت قىلشقا ئەرزىيدىغىنى خىتاي ـ سىپروس ئىككى تەرەپنىڭ تىجارەت ئومۇمىي سوممىسى 2017- يىلدا 1.1 مىليارد دوللارغا يەتكەن .
تۈركىيە ـ خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى يەنە بىر مۇھىم سىياسى مەسلە ئۇيغۇر مەسلىسىدۇر . ئۇيغۇر مەسىلسى خىتاي ئىزچىل ئىستەپ كەلگەن لىكىن تۈركىيەگە ئىستىگىننى قىلدۇرالمىغان مەسلىدۇر. ئۇيغۇر مەسلىسنىڭ مەزمۇنى ناھايتى كەڭرى بولۇپ يەنە بىر ماقالىمزدە تەپسلىي توختىلىپ ئۆتىمىز . بۇ ماقالىدە بولسا موھىم نوقتىلار سۆزلىنىپ ئۆتىدۇ.
1- دۇنيا ئۇرشىدىن كىينكى خەلقئارالىق سىياسى تەرتىپ ئاساسەن ئېتنىك تەركىبنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان بولۇپ ، بۇرۇنقى دىن ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرىنى بىر گەۋدە قىلغان سىياسي قىممەت قاراشلار مەغلۇپ بولدى ياكى تەسىرىنى يوقاتتى. بەزى دۆلەت ۋە رايۇنلاردىكى خەلىق ھەرقانچە دىننى ئاساس قىلىپ ھەركەت ئېلىپ بېرشنى تەشەببۇس قىلسىمۇ لىكىن ھاكىميەت ئۇنداق قىلماي كەلدى، ھاكىمىيەت كۆپىنچە ۋاقىتلاردا دىننى خەلقنىڭ ھىسياتىنى سۈمۈردىغان ۋاستە قىلۋالدى. لىكىن ئېتنىك سالاھىيەتنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان مىللى دۆلەتلەر ئۆزى بىلەن ئوخشاش قاندىن كەلگەن ياكى كەلگەن ئىتراپ قىلغان ۋە ياكى قىلنغان كىشىلەرگە بەكرەك ھىسداشلىق قىلدىغان ۋە قوينىغا ئالدىغان بولدى. مەسلەن تۈركىيەنىڭ سىپروستىكى تۈركلەرنى قوغدشى، قارا باغدىكى ئەزەربەيجانلىقلارنىڭ ئارقسىدا تۇرشى، گىرتسىيەنىڭ تۈركىيەدىكى گىرىكلارنىڭ مەنپەتنى قوغداش تەرەپدارى بولىشى، رۇسىيەنىڭ ئۆزىنى ئوكرائىنادىكى رۇسلارنىڭ غەمگۈزارى دەپ ئاتىشى قاتارلىقلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.
تۈركىيەمۇ 1923- يىلى ئوسىمانلى ئىمپرىيەسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى تۈرك مىللەتچىلىرىنىڭ ئەزاسى ۋە قوللىغۇچسى بولغان مۇستاپا كامال تەرپىدىن قورۇلدى . مۇستاپا كامال تۈركىيەنىڭ سىياسى ئىدولوگىيسىنىڭ تۈركچىلىك ئىكەنلىكىنى ئاشكارا ئوتترىغا قويدى. پۈتۈن ھاياتىدا تۈرك تارىخى ۋە مەدەنىيتى تەتقىقاتىغا ئالاھىدە ئەھىمىيەت بەردى. ئاتا تۈركنىڭ ياكى ئو بۇرۇن ئەزا بولغان ئىتتىھات ۋە تەراككي جەمىيتىنىڭ ئەزاسى بولغان تۈركچىلەرنىڭ تەسىرىدە پۈتۈن تۈركىي خەلىقلەر جۇغراپيىسىدە پان تۈركىزىملىق ھەركەت قانات يايدۇرۇلدى. سۆۋىت ياكى خىتاي ئو،قەدەر قارشى تۇرسىمۇ بۇ ئىدولوگىيە شەرقىي ۋە،غەربىي تۈركستاندا بىخ ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن تۈركىيەدە تۈركىستان ، سىبىرىيە، قىرىم ۋە تاتارستاندىن كەلگەنلەرنى تۈرك دەپ قارايدىغان ئىدىيە شەكىللەندى. جۈملىدىن ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيتى دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتۇلدى. بۇنىڭ تەسىرىدە تۈركلەر ئۇيغۇرلارنى تەبىيلا قېرىندشىمىز دەپ قارايدىغان بولدى. خىتاي شەرقىي تۈركستاننى ئىشغال قىلغاندىن كىين تۈركىيەگە سەپەر قىلغان ئەيسا يۈسۈپ ئالپتىكىن ۋە مەمەتىمىن بۇغرالار تۈركىيەدە كۈچلۈك ئىدىيۋى پىكىر ئېقىم ۋە ئۇيغۇر دىئاسپوراسى شەكىللەندۈردى. نۇرغۇن تۈرك سىياسىئۇنلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتتى. كىيىن كەلگەن ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركستاندا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ۋە ئاسمىلاتسىيە سىياسەتلىرىنى تۈرك خەلقىگە ئاڭلاتتى. بۇ جەرياندا تۈركىيەدىكى تۈرك مىللەتچىلىرى ھەر زامان ئاۋانگارتلىق رول ئوينىدى. ئولار ئۇيغۇرلارنى ئۈزىگە ئوخشاش تۈرك شۇنداقلا مۇسۇلمان دەپ بىلدى. يەنى ئۇيغۇرلار ئو تارىختىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە كۈچلۈك ئاممىۋىي ئاساسقا ئىگە بولدى. تۈركىيە دۆلەت بولۇش سۈپتى بىلەن خىتاي بىلەن بەزى توختاملارنى تۈزسىمۇ تۈرك خەلقى تەرپىدىن بولۇپمۇ تۈركچىلەر تەرپدىن ھەر زامان تەنقىدلىنىپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلش نىيتى ھەر دائىم ئۇيلىغىندەك ئۈنۈم بەرمىدى. بۇنداق بولىشىنى قىسقىچە قىلىپ مۇنداق بىر قانچە نوقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن :
- ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك كىملىكى ۋە بۇنىڭدىن شەكىللەنگەن تۈركلەر ئارسىدىكى مىللي ھىسداشلىق.
- تۈركىيەدە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تەشكىلاتلار تەرپىدىن توختىماي ئاڭلتىلىپ تۇرشى ۋە بۇ سەۋەبتىن تۈرك خەلقى ئارسىدا شەكىللەنگەن ئۇيغۇر داۋاسنىڭ ھەق داۋا ئىكەنلىكىگە بولغان توغرا تونۇش.
- تۈرك سىياسىئونلىرى ئارسىدا مىللەتچىلەرنىڭ ياكى ئۇيغۇرلارغا ھىسداشلىق قىلدىغان ھەققانىيەتچىلەرنىڭ بولىشى .
- مىللەتچى ھەركەت پارتىيسى ۋە ئىيى پارتىيەگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارغا ئىچىدىن ھىسداشلىق قىلدىغان تۈركلۈك ئەنئەسىگە ۋە ئىدولوگىيەسىگە ئىگە بولغان سىياسي تەشكىلاتلارنىڭ بولىشى ۋە بۇلارنىڭ ھەر زامان دۆلەت پارلامىنتى ئىچىدە بولىشى.
يۇقارىدا خىتاي ـ تۈركىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخى جەريانى ، ھەمكارلىق ساھەلىرى ۋە توسالغۇلار بايان قىلىنىپ ئۆتتى. بۇنىڭدىن كىينكى تۈركىيە ـ خىتاي مۇناسىۋىتى قايسى يۈنلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇ دېگەن مەسىلە يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا بۇندىن كىينكى تۈركىيە ـ ياۋرپا ۋە تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەقىياتىغا باغلىق .
پايدىلانغان مەنبەلەر
http://www.sohu.com/a/106167510_390207
Türk Dış Politika Yıllığı, 2015
Stratejik Açıdan Çin, Hasan BİLGİN
Küreselleşme Sürecinde Türkiye -Çin Ekonomik İlişkileri, SETA, 2014
Sino-Turkish Strategic Partnership: Implications of Anatolian Eagle 2010
https://thediplomat.com/2016/04/chinas-mediterranean-odyssey/
Turkey and China: An Account of a Bilateral Relations Evolutions, Mehmet SÖYLEMEZ
An Illustration of Sino- Turkish Relations: The Syprus Question, Kadir TEMİZ