ئەخمەتجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 1-فېۋرال
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسنىڭ تەشكىللىشى بىلەن فايىر فاكىسقا جايلاشقان ئۇيغۇر مەركىزىدە، ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سياسى پاناھلىق ئىلتىماس ئشلىرىدا ئادوۋكاتلىق خىزمىتى قىلىپ كەلگەن ئىككى داڭلىق ئادوۋكات بىرايىن ۋە دانيال بىلەن كۆچمەنلىك ئشلىرى، سياسى پاناھلىق ئىلتىماسى جەريانى ۋە تەرتىپلىرى، ئىلتىماس قوبۇل قىلىنىشنىڭ كۈچلۈك ئاساسلىرى قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەت ئىلىپ بىرىلغان.
سۆھبەتكە قاتناشقان بىر ئۇيغۇر مۇنداق دىدى: « دانىيال بىلەن بىرايىن كۆپ يىللاردىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەنلىك دىلولىرىنى ئشلەپ، ئشەنچ ۋە ھۈرمەت قازانغان، گەرچە ئانچە-مۇنچە ئۇششاق مەسللەر ساقلانسمۇ، ئەمما ئۇلار ئۇيغۇرلارنى ياخشى چۈشىنىدۇ، ھسداشلىق قىلىدۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان دىلولىرى ناھايتى كۆپ، مەن ۋە ئايالىم ئىلگىرى كىين بولۇپ، مۇشۇلارنى تەكلىپ قىلغان، بىز ھازىر ئامېرىكا پۇقراسى.ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسنىڭ بۇلارنى تەكلىپ قىلىشى -جامائەت ئۈچۈن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش سەھنىسى ھازىرلىغانلىقى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»
More Stories
كانادا ئۇيغۇرلىرى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن تەقدىرلىدى
تۇنجى نۆۋەتلىك يېپەك يولى يەرمەنكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى
مېھرىبان ئانا مەكتىپى پروگرامما دىرېكتورى ئىرادە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە يىپەك يولى يارمەنكىسىنى تونۇشتۇردى