ۋاشىنگتوندىكى ئالما مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 5-مارت
يۈسۈپجان
«ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى»نىڭ ئىجتىمائىي تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 5-مارت «ئالما» شىركىتىنىڭ ۋاشىنگتونغا جايلاشقان بايراقدار دۇكىنىنىڭ ئالدىدا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.


ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، SumOfUs تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى مەزكۇر پائالىيەتنى ئالما شىركىتىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرى پايچېكلار SumOfUs تەشكىلاتنىڭ ئالما شىركىتىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ گۇمانلانغان ھالقىلار چوقۇم ئوچۇق ئاشكارا بولۇشى تەلەپ قىلىنغان لايىھەسى» ھەققىدە بىلەت تاشلاش ئالدىدا ئىلىپ بېرىلغان.
مەزكۇر نامايىشنىڭ مەقسدى-ئالما شركىتىنى -ختتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگكىگە ئالاقىدار زاۋۇت ۋە شركەتلەردىن قول ئۈزۈشكە چاقىرىش ئىكەن.
نامايىشقا قاتناشقۇچىلار نامايىش مەيدانىدا ۋەتەندىكى جازا لاگېرلىرىغا تەقلىد قىلىنغان كىچىك نامايىش مودېلىنى ياساپ چىقىپ سۈكۈتتە تۇرۇپ نامايىش قىلغان.
More Stories
ئامېرىكا-ختاي سودا ئۇرۇشدىكى ئامېرىكا سۆھبەت ۋەكىلى كىم ؟
ئۇيغۇر مەجبۇرى (قۇل) ئەمگەككە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار دۆلەت مەجلىسدە ختاينىڭ«دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئئىنكاسى»تېمىسىدا گۇۋاھلىق بەردى