رۇسىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى: رۇسىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭدىكى سىياسەتلىرىنى داۋاملىق قوللايدۇ
ئارمان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 21-فېۋرال
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 21-فېۋرالدىكى بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى ۋاڭ يى رۇسىيە زىيارىتى جەريانىدا رۇسىيە بىخەتەرلىك كومىتېتى كاتىپى، پرېزىدېنت پۇتىننىڭ ئەڭ يېقىنلىرىدىن بىرى بولغان نىكولاي (Nikolaï Patrouchev) بىلەن كۆرۈشۈشتە بولغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە كۆرۈشۈشتە نىكولاي ۋاڭ يىغا رۇسىيەنىڭ بېيجىڭنى قوللاپ غەربكە قارشى تۇرىدىغان مەيدانىنى ئىپادىلىگەن.
رۇسىيە يەرلىك ئاخبارات قاناللىرىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، كۆرۈشۈش جەريانىدا نىكولاي ۋاڭ يىغا بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭلۇقلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى داۋاملىق تۈردە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ۋاڭ يىنىڭ چارشەنبە كۈنى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف (Sergueï Lavrov) بىلەن كۆرۈشۈشتە بولىدىغانلىقىنى، ئوخشاش كۈندە پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈش مۇمكىنچىلىكىنىڭمۇ بارلىقىنى قەيت قىلىشقان.
More Stories
ئامېرىكا ئۇرۇش منستىرى خىتاي بىلەن مۇناسۋىتى ھەققىدە يېڭى بايانات بەردى
ترامپ: ئۇكرائىنا ئۇرۇشى خىتاي بىلەن روسسىيەنى بىرلەشتۈرۈپ قويدى
بىرىتانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا خىتاي ئۈچۈن نازۇك تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىملار پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىماقتا