ئۆزبېكىستان رۇسىيەنى ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرغان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 17-مارت
يۈسۈپجان
17-مارت ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز كامىلوف پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا بايانات بېرىپ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئىككى تەرەپنى دىپلوماتىك دىئالوگ ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق توقۇنۇشنى ھەل قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ سۆزىدە: « ئۆزبېكىستان نۆۋەتتىكى ئۇكرائىنا ۋە ئەتراپىدىكى رايونلاردا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە قارىتا ئەندىشىسىنى بىلدۈرىدۇ، بىز تىنچلىق بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشنى قوللايمىز، ئەڭ مۇھىمى يۈز بېرىۋاتقان بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلەر دەرھال توختىشى كېرەك» دېگەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ رۇسىيەنى ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرغان دۆلەت ئىكەن. نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان باشقا دۆلەتلەر ھازىرغىچە ئۇرۇشقا نىسبەتەن ھېچقانداق مەيدانىنى ئىپادىلىمىگەن. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھازىرغىچە ئىپادە بىلدۈرمەسلىكىدىكى سەۋەب رۇسىيەنىڭ كېيىنكى قەدەمدە ئۇلارغا قارىتا تاجاۋۇز قىلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىدا ئىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۆزبېكىستاننىڭ باياناتىدا ئۇرۇش مەسئۇلىيىتىنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكى توغرىسىدا تەپسىلىي مەزمۇنلار بېرىلمىگەن. ئەمما ئۇلار ئۇكرائىنا تۇپرىقىنىڭ پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا رۇسىيە مۇستەقىل دەپ ئېتىراپ قىلغان شەرقتىكى ئىككى جۇمھۇرىيەتنى مۇستەقىل دۆلەت دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
More Stories
مايك گاللاگىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى كورونا ۋىرۇسىنىڭ لابوراتورىيەدىن تارقالغانلىقىنى يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن ھېساب سوراشقا چاقىردى.
رۇبىئۇ: ئەگەر بىز ھازىرقى ئوخشاش يولدا ئون يىل ماڭساق، ختاي ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ
ختاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «بىرنەچچە تال ئامېرىكا قورالى ئىككى قىرغاقنىڭ ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ»