نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى ئۆزبەك زىيالى كامالىدىن رابىموۋ كىم؟

كامالىدىن رابىموۋ

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۇيغۇرچە بۆلۈمى،

1-نويابىر

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي ياپونيەنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن «ئۇيغۇر خەلقئارا مۇنىبرى»پارلامىنت ئەزالىرى ئارا ئۇچرىششدا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن پارلامىنىت ئەزالىرىدىن باشقا، ئالىملار ۋە زىياليلارمۇ كۆپلەپ قاتناشقان.

بۇلار ئىچىدە تۈرك مىللەتلىرىدىن بولغان ئ‍ۆزبەك زىيالى كامالىدىن رابىموۋمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئالاقىدار سۆھبەتلەردە مەخسۇس سۆز قىلغاندىن باشقا، يىغىن ئاخىرىدا سۆز قىلىپ، ئۆز بەك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرستاننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە ئۆز بەك خەلقىنىڭ سوۋغىسنى تەقدىم قىلدى.

ئۇنداقتا كامالىدىن رابىموۋ كىم؟

تورداشلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، كامالىدىن رابىموۋ ئۆزبىكىستانلىق داڭلىق سىياسەت پەنلىرى ئالىمى. ئۇنىڭ يۇتۇپتىكى ۋىدىيولىرنى يۈزمىڭلاپ ئىنسانلار كۆرىدۇ. ئۇ ۋىدىيولىردا دائىم ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالىدۇ، مېنىڭ بىلىشمچە ئۇ ئۆزبىكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئەڭ ياخشى چۈشۈنىدىغان سىياسەتشۇناس.

ئۇ ئۆزبىكىستاندىكى داڭلىق ئاخبارات قانىلدا ھەركۈنى دىگۈدەك سياسى ئانالىزلىرنى ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتنى قوبۇل قىلدۇ، نەچچە يۈزمىڭلاپ ئىنسانلار ئۇنىڭ ۋىدىيوسىنى كۆرىدۇ.

«ئۇ 2007-يىلدىن 2021-يىلغىچە فىرانسىيەدە ياشاپ، 2021-يىلى ئۆزبىكىستانغا قايتقان. ئۇ سىياسى ئانالىزلىردا ھەردائىىم ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالىدۇ، ئۇ ئۇيغۇرلانىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ياخشى چۈشنىدۇ، شۇڭا بىز ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ بىلەن ياخشى مۇناسۋەت قۇرشىمىز تولىمۇ زۆرۈر.»

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.