نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئۇيغۇرلارغا قارشى خەلقئارالىق تەشۋىقاتلار (1)

propaganda

ختاي 2024-يىلىنى ئۇيغۇرلارغا قارشى غايەت زور پىلان بىلەن باشلىدى.بۇنىڭ ئىچىدە ساختا ئۇچۇر، پىروپاگاندا ئارقىلىق چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە غەرپ دۆلەتلىرى ئەيىپلەپ كىلىۋاتقان «ئ‍ۇيغۇر قىرغىنچىلىقى»نى ئىنكار قىلىش ۋە تەشۋىقات ۋە ئاممىۋى مۇناسۋەتتە پۈتۈنلەي ئۇتۇپ چىقىشتىن ئىبارەت.

ختاي بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرلۈك ۋاستىلەرنى، بايلىق مەنبەلىرىنى، ئۇچۇر قاناللىرىنى ئ‍شلەتمەكتە.

تەشۋىقات نۇقتسىدىن، ھەممە تىللاردا، جۈملىدىن ئىنگىلىزچە، روسچە، ئەرەبچە ۋە ياۋروپا تىللىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشنى مەدھىيلەيدىغان ناھايتى كۆپ تەشۋىقات پىروپاگاندا ماتېرياللىرىنى زاۇۋتتا ئىشلەپچىقارغاندەك ئ‍شلەپ تارقاتماقتا.

تۆۋەندىكى «ئادىل كۆزەتكۈچى» ناملىق ئىنگىلىزچە تور بېكەتتە PATRIK MEYER دىگەن شەخس تەرىپىدىن يېزىپ ئىلان قىلىنغان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىمۇ؟ شنجاڭدىكى نەق مەيدان رىئاللىقى» ناملىق ماقالە « ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى » دىگەن ئۇقۇمنى پۈتۈنلەي يوققا چېقىرىپ قالماي، ھەتتا «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دىگەن ئەيىپلەشنمۇ »قەتئى ئاساسسز، پاكىتسز ، ئۇيغۇرلار ئاجايىپ بەختىيار» دەپ تەشۋىقات قىلىپتۇ.ب

بۇنداق تەشۋىقاتلار-مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرى، جۈملىدىن مۇستەقىللىق ۋە ئ‍نسان ھەقلىرى ھەرىكەتلىرىگە تەسر كۆرستىدۇ. شۇنداقلا گۇۋاھلىق تەشۋىقات ۋە ھېمايىچىلىق ھەرىكەتلىرىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تېرشچانلىق قىلىشمىزنى كۆرستىدۇ.

شۇنداقلا بۇ ۋە بۇنىڭدەكلەرگە رەددىيە قايتۇرۇش لازىملىقىنى ئەسلىتىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.