ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 18-ماي
بۈگۈن تۈركىيەدىكى زىيالي ياشلاردىن ئۇمۇن ئىھسان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى رەھبىرى كامال قىلىچدار ئوغلىنىڭ ساھىپخانلىقىدىكى 19-ماي مۇستافا كامال ئاتاتۈركنى ئەسلەش، ياشلىق ۋە تەنتەربىيە بايرىمى يىغىنىغا قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇر ياشلىرى يولۇققان كرىزىس ھەققىدە سۆز قىلغان.
ئىھسان كامال قىلىچدار ئوغلىغا شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلارنىڭ ياشلىقىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، ئاتاتۈرك قۇرغان بىر پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشىنىڭ كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تۈركىيەنىڭ تونۇشى ئۈچۈن كامال قىلىچدار ئوغلىنىڭ كونكرېت قەدەم بېسىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئېيتقان.
يىغىننىڭ ئاخىرىدا جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى كامال قىلىچدار ئوغلى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە پرىنسىپىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇمۇن ئىھسان فەيسبۇكتا ئېلان قىلغان قىسقا يازمىسىدا، تۈركىيەدە پۈتۈن پارتىيىلەرگە خىتاپ قىلغان ئاساستا كەسپىي سىياسەت يۈرگۈزىدىغان بىر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى.
More Stories
ئامېرىكا-ختاي سودا ئۇرۇشدىكى ئامېرىكا سۆھبەت ۋەكىلى كىم ؟
ئۇيغۇر مەجبۇرى (قۇل) ئەمگەككە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار دۆلەت مەجلىسدە ختاينىڭ«دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئئىنكاسى»تېمىسىدا گۇۋاھلىق بەردى