ئۇيغۇر سياسى پائالىيەتچى ۋە ئەركىنلىك جەڭچىسى رىزا سەمەدى ۋاپات بولدى
رىزا سەمەدى
ھاياتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك كۆرەشلىرىگە بېغىشلىغان، سەرگەردانلىق ھاياتىدا ئۇيغۇرلارنى بىرلەشتۈرۈش، كۈچلەندۇرۈش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان، بايرىقى روشەن ئۇيغۇر مىللەتچىسى رىزا سەمەدى 2024 – يىلى 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى كېسەللىك سەۋەبىدىن ئالمۇتا شەھىرىدە 86 يېشىدا ۋاپات بولدى.
ئۇ 20-ئەسرنىڭ ئاخىرىدا قازاقستان ۋە دۇنيا بويلاپ ئىلىپ بىرىلغان ئۇيغۇر ئويغىنىش ۋە مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇھىم باشلامچىلىرىدىن بىرى.
مەرھۇم رىزا سەمەدى، 1944 – يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان مەشھۇر يازغۇچى ۋە رەھبەر زىيا سەمەدىنىڭ ئوغلى بولۇپ،مەرھۇم 1938 – يىلى 3 – ئايدا غۇلجىدا تۇغۇلغان ۋە 1961 – يىلى دادىسى زىيا سەمەدى بىلەن بىرگە قازاقىستانغا ھىجرەت قىلىپ چىققان.
ئۇ 20-ئەسرنىڭ ئاخىرىدا قازاقستان ۋە دۇنيا بويلاپ ئىلىپ بىرىلغان ئۇيغۇر ئويغىنىش ۋە مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇھىم باشلامچىلىرىدىن بىرى.
بىز ئۇنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇرىمىز.