نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئۇيغۇر شائىرى تاھىر ھامۇت ئىزگىل  شۋېتسىيەنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسدا  سىكادا  شېئىرىيەت مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان

تاھىر ھامۇت ئىزگىل سكادا مۇكاپاتى

تاھىر ھامۇت ئىزگىل سكادا مۇكاپاتى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 3-ماي

ئورقۇن تەييارلىدى

ئۇيغۇر شائىرى تاھىر ھامۇت ئىزگىل 24-ئاپرىل كۈنى شۋېتسىيەنىڭ ۋاشىڭگىتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا شۋېتسىيەنىڭ شېئىرىيەت مۇكاپاتى بولغان سىكادا مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلغان.

تاھىر ھامۇت ئېجتىمائى تاراتقۇدا مۇنداق دىگەن: 

«بۈگۈن شۋېتسىيەنىڭ ۋاشىڭگىتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا شۋېتسىيەنىڭ شېئىرىيەت مۇكاپاتى بولغان سىكادا مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. مېنىڭ شېئىرلىرىمنى بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرگەن شۋېتسىيە ئىنىستىتۇتى بىلەن باھالاش ھەيئىتىگە ۋە قىزغىن كۈتىۋالغان شۋېتسىيە ئەلچىخانىسىغا رەھمەت ئېيتىمەن. »

مۇكاپات تاپشۇرۇپ ئىلىش مۇراسىمىغا ئۇيغۇر تىلشۇناس ۋە پائالىيەتچى مۇستاپا ئاقسۇ تەرجىمانلىق قىلغان


بۇ تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ 2023-يىللىق ئامېرىكا كىتاپ تەقرىزچىلىرى جون لېئونارد مۇكاپاتى (2023 National Book Critics Circle John Leonard Prize for Best First Book) ۋە 2024-يىللىق ۋاتسلاۋ ھاۋېل خەلقئارا تەنقىدىي ئىجادىيەت مۇكاپاتى، 2024-يىللىق مور ئىنسان ھەقلىرى يېزىقچىلىقى مۇكاپاتىدىن كېيىنكى يەنە بىر مۇھىم نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.