كانادا ئۇيغۇر ھوقۇقلىرىنى ھېمايە قىلىش قۇرۇلۇشى دېرىكتورى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا بىلدۈرىشچە، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن باشلاپ ھەر ھەپتەنىڭ پەيشەنبە كۈنى سائەت 3-4 ئارىسىدا توختاۋسىز خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىېرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەيپلەپ كەلمەكتە ئىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرىشچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كانادالىق قوللىغۇچىلىرى مەيلى قار، يامغۇر، سوغۇق ئىسسىق ھەر قانداق شارائىتتا بولسۇن، نامايىشنى توختاتماي داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
ئاگېنىتلىق كۆز قارشى : ئۇيغۇرلار داۋاملىشۋاتقان قىرغىنچىلىقتا يالغۇزلۇق، ئۈنۈمسزلىك، ھارغىنلىق ھس قىلغان بۇ چاغلاردا چەتئەللىك قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئۆزى بىلەن بىر سەپتە بولۇشى، ئۇلارنىڭ ئاۋازى بولۇشى-ئىنتايىن مۇھىم.
More Stories
كانادا ئۇيغۇرلىرى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن تەقدىرلىدى
تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ كاناداغا يەرلەشكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلدى
ختاي ئىككى كانادا تەشكىلاتى ۋە 20 نەپەر شەخسكە جازا ئىلان قىلىنغان