نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى جىنايەتچىلەر تېزىملىكى :پەن شى ( 潘曦)

pan xi

(numur-3)

ئاپتورى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە باستۇرۇش خىزمتىنى داۋاملاشتۇرغۇچى، ئاتالمىش شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسزلىك نازارىتى پارتكوم سكىرتارى، نازارەت باشلىقى، باش ساقچى ئ‍ەمەلدارى پەن شى

تەرجىمھالى ۋە جىنايەتلىرى: 1973-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، فۇجىيەننىڭ فۇجۇ شەھىرىدىن،1990-يىلى 12-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1994-يىلى ختاي كومپارتىيسگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.

خاراكتىرى: كەسكىن ۋە رەھىمسز، ھىلىگەر ۋە ستىراتىگىيەچى.

فۇجيەن ئۆلكىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە قوشۇنىنىڭ شىتاب باشلىقى، مۇئاۋىن قوماندانى، شيامېن كىرىش-چىقىش چېگرا تەكشۈرۈش باش پونكىتىنىڭ پارتىيە كومىتېتى مۇئاۋىن كاتىپى، تەپتىش كومىتېتىنىڭ كاتىپى، مۇئاۋىن باش پونكىت باشلىقى، شىنجاڭ كىرىش-چىقىش چېگرا تەكشۈرۈش باش پونكىتىنىڭ پارتىيە كومىتېتى مۇئاۋىن كاتىپى، سىياسىي كومىسسارى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ پارتىيە كومىتېتى مۇئاۋىن كاتىپى، دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى (مۇدىر دەرىجىلىك) قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

2024-يىلى 3-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ پارتىيە كومىتېتى كاتىپى، مۇدىرى ۋە تەكشۈرۈش باشلىقى.

نۆۋەتتىكى جىددى جىنايەتلىرى:

نۆۋەتتە، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش لايىھەسى تۈزۈش ۋە ئالاقىدار تۇتۇش، يوقىتىش تۈزۈملىرىنى ئىجرا قىلىش ، دۇنيا مىقياسى بويلاپ ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇتۇش، جاسوسلۇق قىلىش ۋە ئۇچۇر توپلاش، تۆھمەت قىلىش، خەلقئارا ئ‍تتېپاقداشلار دۆلەتلەرنىڭ ساقچى ئىدارىلىرىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە تۇتۇشقا قاتنىششقا دەۋەت قىلىش، تىرورلۇق ۋە رادىكالىزىم باھانىلىرىنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن ساختا رادىكال ۋەقەلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىش قاتارلىق جىنايەتلەرگە مەسئۇل.

تەكلىپ:

1-مەزكۇر شەخس ئامېرىكا ۋە ئېتتپاقداشلىرىنىڭ جازالىنىش تېزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى لازىم.

2-مەزكۇر شەخسنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى خەلقئارا تاراتقۇلار ئارقىلىق پاش قىلىنىشى لازىم.

3-مەزكۇر شەخسنىڭ بارلىق ئالاقە چەمبىرىكى پاش قىلىنىشى ۋە ئۇنى ھىېمايە قىلغۇچىلار جازالىنىش رامكىسغا كىرگۈزۈلۈشى لازىم.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.