نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئۇيغۇر ھۆرلۈك مۇنبىرى مالايسيادا پائالىيەت ئىلىپ بارماقتا

ئۇيغۇر ھۆرلۈك مۇنبىرى

تۆۋەندىكىلەر ئ‍ۇيغۇر ھۆرلۈك مۇنبىرىنىڭ سوسيال مېدىيا ھساۋىدىن ئىلىندى.

ئ‍ىشغالچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىزگە قاراتقان قانلىق باستۇرۇشلىرىغا قارشى، خەلقئارادا ئېلىپ بېرىۋاتقان دەۋايىمىزنى قوللىغان غەرپ دۆلەتلىرى كۆپتۇر. لېكىن ئۇدۆلەتلەرنىڭ سېپىدە بىللە تۇرۇپ خىتايغا قارشى ئاۋاز چىقارغان مۇسۇلمان دەۋلەتلەر ئەپسۇس ناھايىتى ئاز. مالايسىيا ھۆكۈمىتى بولسا، خەلقئارا رەسمى سورۇنلاردا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەنچىلىكلىرىگە قارشى بىزنى قوللىغان بىر مۇسۇلمان دۆلەت. دۇنيادا 56 ئىسلام دۆلىتى مەۋجۇت، 2 مىلىيارتتىن ئارتۇق مۇسۇلمان خەلقى ياشايدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان قانلىق قىرغىنچىلىقلىرىغا قارش ئاۋاز چىقارماستىن، ئەكسىنچە خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ ئۇنى قوللىماقتا. شۇڭا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئاساس قىلغان خىزمەتلىرىمىزنى كۈچلەندۈرۈش، بىزنىڭ خەلقئارا دەۋايىمىزدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

23.01.2024 <ئۇيغۇر ھۆرلۈك مۇنبىرى> ھەيئەتلىرى، مالايسىيادا ئۇزۇن يىل تۇرغان دوكتۇر بۇرھان ئۇلۇيول ئەپەندىمنىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، مالايسىيادا مىللى دەۋايىمىزنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن پائ‍الىيەت قىلغىلى كەلدى.

كۇئالالۇنپۇردىن 500 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى تېرېڭگانۇ ئىسلام شتاتىغا بېرىپ، باش مۇفتىسى بىلەن ھۇزۇرىدا كۆرۈشتى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.