نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنى تونۇشتۇرۇش

ئۇيغۇر تايمىز

xr:d:DAFm8DE1zvM:5,j:4041249424383490429,t:23062616

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى 2018-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ۋە  ئ‍نسان ھەقلىرىنى يورۇتۇپ بىرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى پۇل تاپمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى بىر تەشكىلات ئەمەس، بىر خەۋەر تور بېكىتى بولۇپ، پايدا ياراتمايدۇ، ئاممىنىڭ قوللىشى ۋە پىدائىيلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئاساسدا پائالىيەت ئىلىپ بارىدۇ،

رولى: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى-ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى سياسى ۋە ئىجتىمائى رىئاللىقىنى ئۇيغۇرلار ۋە دۇنياغا ئەينەن يەتكۈزۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇش ۋەزىپسنى ئۈستىگە ئالغان ئورگان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇھىم ئۇچۇر مەنبەسى بولۇپ كەلمەكتە. شۇنداقلا ۋەتەندىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا يەتكۇزۇش، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى ۋە تەشەببۇسلىرىنى خەلقكە بىلدۇرۇش،دۇنيانىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا تۇتقان پوزىتسيەسنى ئ‍اممىغا بىلدۇرۇش جەھەتتە كۆرىنەرلىك رول ئويناپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى-ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى،مىللى كىملىكى، مەدەنىيتى، ئەدەبىياتى ھەققىدە تەربىيۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئىلان قىلىپ،مۇھاجىرەت خەلقىمىزنىڭ مىللى روھىنى ئۆستۈرۈش ۋە تەربىيلەشتە خىزمەت ئ‍شلىدى.شۇنداقلا،مۇھاجىرەت ئۇيغۇرلىرى ئارسدا،ۋەتەن-مىللەت تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش تەشەببۇسلىرى،گۇۋاھلىق بىرىش ھەرىكىتى،ئ‍ۇيغۇر-ختتاي ئاخبارات ئۇرۇشى ساھەسىدە ھەرىكەت چاقىرىقلىرىنى ئىلان قىلىپ ۋە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ۋەتەندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇشقا ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن ئاۋاز قوشتى.

ھەر قايسى تىل قاناللار ئايرىم ۋە مۇستەقىل باشقۇرۇلىدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى-ھىچقانداق شەخس ياكى تەشكىلاتنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمايدۇ. پىدائى ئۇيغۇر ئاممىسى باشقۇرىدۇ،

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.