ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپاغا كىرىش ئىلتىماس خېتىگە قول قويدى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 28-فېۋرال
يۈسۈپجان
28-فېۋرال ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلىنىسكى ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش ئىلتىماسنامىسىگە قول قويۇپ، بىريۇسسېل دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خىزمەت پروگراممىلىرىنى تېزلىتىشكە چاقىردى. 27-فېۋرال ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيىن خانىم ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپاغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بالدۇرراق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا رەسمىي ئەزا بولۇپ كىرىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى Denys Chmyhal بۈگۈن ئۆزىنىڭ سوتسىيال مېدىئاسىدا مۇنداق دەپ يازغان: « ئۇكرائىنالىقلار ئاللىبۇرۇن ئۆزىنىڭ ياۋروپانىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بولدى، ئەمدى ئۇنى پەقەتلا قەغەز يۈزىگە چىقىرىدىغان ۋاقىت كەلدى. ھازىر بىز قەدەم باسقۇچلار بويىچە ياۋروپا پارلامېنتىغا رەسمىي كىرىش ئىلتىماسىنى تەلەپ قىلىشقا باشلىدۇق.»
More Stories
مايك گاللاگىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى كورونا ۋىرۇسىنىڭ لابوراتورىيەدىن تارقالغانلىقىنى يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن ھېساب سوراشقا چاقىردى.
رۇبىئۇ: ئەگەر بىز ھازىرقى ئوخشاش يولدا ئون يىل ماڭساق، ختاي ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ
ختاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «بىرنەچچە تال ئامېرىكا قورالى ئىككى قىرغاقنىڭ ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ»