ئۇكرائىنا قارارىنى ئۆزگەرتىپ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 7-ئۆكتەبىر
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى Yevheniia Filipenko جۈمە كۈنى بايانات بېرىپ 6- ئۆكتەبىر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارنامىگە ئۇكرائىنا تاشلىغان «ۋاز كېچىش» بېلىتىنى « قوللاش بېلىتى»گە ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى رەئىسى، ئارگېنتىنالىق Federico Villegas ئۇكرائىنانىڭ ئىلتىماسىغا قارىتا « بىز بۇ ئىلتىماسقا دىققەت قىلىمىز» دەپ ئىنكاس قايتۇرغان. ئەمما تەكىتلەپ، بېلەت تاشلاشنىڭ نەتىجىسى بويىچە تۈنۈگۈنكى ئېلان قىلغان قارارنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
More Stories
مايك گاللاگىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى كورونا ۋىرۇسىنىڭ لابوراتورىيەدىن تارقالغانلىقىنى يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن ھېساب سوراشقا چاقىردى.
رۇبىئۇ: ئەگەر بىز ھازىرقى ئوخشاش يولدا ئون يىل ماڭساق، ختاي ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ
ختاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «بىرنەچچە تال ئامېرىكا قورالى ئىككى قىرغاقنىڭ ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ»