نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

تۈركىيەدە يوقاپ كەتكەن ئابدۇلئەھەدنىڭ تېخىچە ھىچقانداق ئىز-دىرىكى يوق

ئابدۇلئەھەت

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا يەتكۈزۈلگەن ئ‍شەنچىلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا،تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇلئەھەد ئ‍سىملىك ئۇيغۇر  ئەر 2023-يىلى 7-ئاۋغۇست كۈنى يوقاپ كەتكەندىن ھازىرغىچە ھىچقانداق ئىز-دىرىكى يوق.

ئېنىقلانغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا،ئەسلى ئ‍سمى ئابدۇلئەھەد ، تۈركىيەدە قوللانغان ئ‍سمى ئۆمەر سېراجى،  ئەر، ئەسلى  يۇرتى خوتەن، ئۇيغۇر، 2014 ئاۋغۇست ئېيىدا تۈركىيەگە كەلگەن بولۇپ،40 ياشلار ئەتراپىدا،  ئاشپەزلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. 

ئ‍ستانبۇل شەھىرىنىڭ چاپا رايونىدا ياشلار بىلەن ئورتاق تۇرالغۇدا ياشىغان. ئ‍ستانبۇلدا ھىچقانداق ئۇرۇق-تۇققىنى ياكى ئائىلىسى يوق بولۇپ،  سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ئىكەن. 2014-يىلى بىر مەزگىل روھى كېسەللىكلەر شپاخانىسدا داۋالانغان.

ئۇ تۈركىيەگە كەلگەندە، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىرىلگەن ئالاقىدار ھۈججەتلىرى جۈملىدىن (ساياھەت بەلگىسى) يېنىدا بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتۈرۈش قېين بولغان. يېقىنلىرى تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئادوۋكاتلار ساقچىلار ئارقىلىق ئىز-دىرىكىنى سۈرۈشتۈرۈشنى داۋام قىلماقتا ئ‍ىكەن.

چەتئەللىكلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن ئىككى ئورۇندىن سورىغاندا، ئۇلار بۇنداق شەخسنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرشىچە، ئۇيغۇر جامائىتى ئەگەر يتەرلىك كۈچ چىقارسا، ئورتاق ھەرىكەتكە كەلسە، ئۇنى تېپىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.