تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدە قاتتىق يەر تەۋرىدى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 6-فېۋرال
2023-يىلى 6-فېۋرال ئەتىگەن سائەت 4:30 ئەتراپىدا تۈركىيەنىڭ قەھرىمانماراش ۋىلايىتىدە 7.4 بال، گازىئانتەپ ۋىلايىتىدە 6.4 ۋە 6.5 بال يەر تەۋرىدى. ئاپەت نەتىجىسىدە 140 بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، 76 كىشى قازا قىلىپ، 440 كىشى يارىلاندى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا تۈركىيەنىڭ 10 شەھەر،ۋىلايەتلىرىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە يەر تەۋرىگەن.
ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا : ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان قەيسىرىيە شەھىرىدىمۇ خىلى قاتتىق يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارمۇ سىرتقا چىقاي دېسە سىرتتا بىر تەرەپتىن قار يەنە بىر تەرەپتىن شامال چىقىپ، ئۆيدە قېلىشقا مەجبۇر بولغان.
يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان ۋە يارىدار بولغانلارنىڭ سانى داۋاملىق كۆپەيمەكتە.
ئاللاھ قازا قىلغانلارغا رەھمەت قىلسۇن، يارىدارلارغا شىپالىق بەرسۇن.يېقىنلىرىغا سەبىر بەرسۇن.
تۈركىيە 4-دەرىجىلىك ئاپەت چاقىرىقى ئېلان قىلدى .
More Stories
تۈرك دۇنياسى خەلقئارا ئەدەبىيات-سەنئەت فېستىۋالىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى «مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى» 7 نەپەر خىتاي جاسۇسىنى تۇتقان
پ ك ك قورال تاشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى: ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى ئۆزگىرىش