ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 1-دېكابىر
ئامىنە سەدەف
11_ ئاينىڭ 28_ كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئېلىپ بېرىلغان ئالپەرەن ئوجاكلىرى ياشلار قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان لاگېر قۇربانلىرىنىڭ يېقىنلىرى قۇرۇلتاي ئەزالىرىدىن ئىمزا توپلىدى.
ئالپەرەن ئوجاكلىرى بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىگە تەۋە بولۇپ ، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىجى ئەپەندى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان شەرقىي تۈركىستانغا سالام يوللىدى .
بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان لاگېر قۇربانى يېقىنى مەدىنە نازىمى خانىم قۇرۇلتايغا قاتناشقانلارنىڭ ئىمزا توپلاشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىمزانى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى .
More Stories
تۈرك دۇنياسى خەلقئارا ئەدەبىيات-سەنئەت فېستىۋالىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى «مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى» 7 نەپەر خىتاي جاسۇسىنى تۇتقان
پ ك ك قورال تاشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى: ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى ئۆزگىرىش