ئىھسان شۈكران خەۋىرى9-سېنتەبىر
ئىستانبۇلنىڭ سافا كۆي رايونىدا ئولتۇرۇۋاتقان 31 ياشلىق ئۇيغۇر ئايال ئەفىفە 2024. يىلى 9- ئاينىڭ 5- كۈنى پەيشەنبە سەھەر سائەت 4 لەر ئەتىراپىدا، تۈركىيە ئالاھىدە قىسىم ساقچىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ ئىشىكلىرى چېقىلىپ تۇتۇپ كېتىلگەن.
ئەفىفە ئىسىملىك بۇ ئايالنىڭ 4 بالىسى بۇلۇپ، بۇ بالىلار ئانىسىنى تۇتۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۆيدە قورقۇنچ ئىچىدە يالغۇز قالغان.
ئامالسىز قالغان بىچارە ئانا ساقچىلارغا يالۋۇرۇپ، بالىلىرىغا تونۇشلارنىڭ قاراپ تۇرۇشى ئۈچۈن تىلفۇن قىلىپ تەسلىكتە تونۇشلىرىغا خەۋەر بەرگەن .
بۇ ئايالنىڭ يولدىشى تۈگەپ كەتكەن بۇلۇپ، بۇ ئايالنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىپ يولىنى ماڭدىغان ھېچقانداق ئادىمى يوق ئىكەن. 4 بالىمۇ باشقا يېقىنلىرنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان بۇلۇپ، ئۇ ئۆيدىمۇ 3 بالا بار ئىكەن.
جەمئى 7 بالىغا ئامالسىز قاراۋاتقان ئۇ ئايالنىڭمۇ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ئىكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۇتۇپ كىتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپىيۋاتقان بولۇپ، بەزىلىرى مەلۇم مەزگىلدىن كىين قويۇپ بىرىلگەن بولسمۇ،ئەمما ئىز-دىرىكى بولمايۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ كۆپەيمەكتە.ئىنتىرنىتتا بۇ ھەقتە نۇرغۇن چاقىرىقلار بولغان بولسمۇ ئەمما ھىچقانداق تەشكىلات تېخى ئۇنۇملۇك تەدبىر قوللىنىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشتىن توسالىغىنى يوق.
More Stories
خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتكە ئۆتمەكتە، قاتناشقۇچى ئۇيغۇرلار »ئاممىۋى غەزەپ»كە دۇچ كەلمەكتە
تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتۇرۇۋېتىلدى:
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى: «ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان» ھەققىدىكى ئەيىپلەشلەر ھەققىدە بايانات