نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

تۈركىيە ب د ت دا ئاخىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياسىتىنى كەسكىن تەنقىد قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ب د ت ۋەكىلى بۈگۈن سۆز قىلىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «‹ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلىرى› غا قاراتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» نى ئەيىبلىدى. شۇنداقلا خىتاينى خەلقئارا تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ رايونغا بېرىشغا يول قويۇشقا چاقىردى. خىتاينى «ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش» قا چاقىردى.

ئافراسياپ
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،2020-10-07

 

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ب د ت ۋەكىلى بۈگۈن سۆز قىلىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «‹ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلىرى› غا قاراتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» نى ئەيىبلىدى. شۇنداقلا خىتاينى خەلقئارا تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ رايونغا بېرىشغا يول قويۇشقا چاقىردى. خىتاينى «ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش» قا چاقىردى.

 

بۇ تۈركىيەدە ھۆكۈمەت ئۈستىدىكى پارتىيە – ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە خىتاينى ئەيىبلىگەندىن كېيىن يەنە بىر مۇھىم قەدىمى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ ياۋروپادا كۈنتەرتىپكە كېلىشى تۈركىيەگە كۈچلۈك تەسر كۆرسەتكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە رەھمەت ئېيتىدۇ ۋە داۋاملىق تەۋرەنمەستىن ھەقىقەت تەرەپتە – ئۇيغۇر خەلقى تەرەپتە تۇرۇشقا چاقىرىدۇ.

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.