مەرھابا، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 20-فېۋرال
رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇسى بولغان ئانادولۇ ئاگېنتلىقى خەۋىرى ئاساسىدا خەۋەر قىلىشچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى 6 نەپەر شەخسنى تۈركىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلار، ئۇلارنىڭ ئش-ھەرىكەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىرىنى ختاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنىغا تەمىنلىگەنلىكى بىلەن قولغا ئالغان. يەنە بىر شەخس قېچىپ كەتكەن بولۇپ، ساقچىلار ئۇنىڭ ئىز-دىرىكىنى قىلماقتا ئىكەن.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ جاسۇس گۇماندار شەخسلەرنىڭ سۈرەتلىرى، ئسمى، مىللەت ۋە دۆلەت تەۋەلىكى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەرمىگەن.
تۈركىيە ت ر ت خەۋەر ئاگېنىتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، مەزكۇر دىلونى ئستانبۇل ئامانلىق ئىدارىسى ئشلىگەن بولۇپ، باش تەپتىش مەزكۇر دىلودىكى پاكىتلارنى قوبۇل قىلىپ، قولغا ئىلىشنى تەستىقلىغان. تۈركىيە مىللى ئستىخبارات ئىدارىسى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە توپلىغان تەپسلاتلارنى ختاي ئستىخباراتى بىلەن ئورتاقلاشقان.
More Stories
تۈرك دۇنياسى خەلقئارا ئەدەبىيات-سەنئەت فېستىۋالىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتكە ئۆتمەكتە، قاتناشقۇچى ئۇيغۇرلار »ئاممىۋى غەزەپ»كە دۇچ كەلمەكتە
تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتۇرۇۋېتىلدى: