نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ترامپ بىلەن شى سودا سۆھبىتىنى جانلاندۇرۇشقا كىلىشتى

پرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن ختاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ پەيشەنبە كۈنى تېلېفوندا سۆزلىشىپ، داۋاملىشىۋاتقان سودا ئۇرۇشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە ختاي ئەمەلدارلىرىنىڭ يېقىندا تېخىمۇ كۆپ سۆھبەتلەر ئۈچۈن ئۇچرىشىشىغا كېلىشتى.

ترامپ شى بىلەن تەخمىنەن 90 مىنۇت ”ناھايىتى ياخشى“ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، سۆھبەتنىڭ ”دېگۈدەك پۈتۈنلەي“ سودا مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەنلىكىنى ئېيتتى.

ترامپ Truth Social يازمىسىدا بۇ تېلېفون سۆھبىتىنىڭ ”ئىككىلا دۆلەت ئۈچۈن ناھايىتى ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشتى“ دەپ يازدى.

ئۇ قايتا باشلانغان سودا سۆھبەتلىرىدە ئامېرىكىنى مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسسېنت، سودا مىنىستىرى خاۋارد لۇتنىك ۋە ئامېرىكا سودا ۋەكىلى جەيمىسون گرىر ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.