ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 20-ماي
ئۆتكەن يىلى پىرەزدىنتلىق سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققان دىموكراتىيە ئىلگىرىلەش پارتىيسى نامزاتى، سابىق مۇئاۋىن پىرەزدىنت لەي چېڭدى بۈگۈن تەيۋەندە قەسەم بىرىپ، ۋەزىپە تاپشۇرۋالدى.
ئۇنىڭ مۇئاۋىن پىرەزدىنتى -تەيۋەننىڭ ئامېرىكىغا ئەۋەتكەن ۋەكىلى بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسۋەتنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى بىلەن ئېتىراپ قىلىنغان.
لەي چېڭدى سۆزىدە، سابىق پىرەزدىنت سەي يىڭۋىننىڭ خىزمىتىگە ۋارسلىق قىلىپ، تەيۋەننى گۈللەنگەن، كۈچلۈك، تىچ ۋە دىموكراتىك دۆلەت قىلىپ تەرەققى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ سۆزىدە، ختاي ھۆكۈمىتىنى تەيۋەنگە ھەربى تەھدىت سالماسلىققا چاقىردى.
ئۇ ئامېرىكا ۋە غەرپ بىلەن ھەمكارلىشپ، تەيۋەن مۇداپىئەسنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
More Stories
دالاي لاما ئۆزى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىز باسار بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.
تېبەتنىڭ دىڭرى ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەشتە 126 ئادەم قازا قىلدى، 188 ئادەم يارىلاندى
شى جىن پىڭ تەھدىت سالدى: تەيۋەن بىلەن بىرلىششتىن ھىچكىم توساپ قالالمايدۇ.