نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

تەخمىنەن 8 مىليۇن ئۇيغۇر لاگېرغا قامالغان بولۇشى مۇمكىن

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى تەد يوخو ئۆزىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا مۇنداق دەپ يازدى:

ئۇيغۇرچە تەييارلىغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتىلىقى، 2020-09-19

 

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى تەد يوخو ئۆزىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا مۇنداق دەپ يازدى:
«خىتاي ئۆزىنىڭ ئاق تاشلىق كىتابىدا 2014- يىلدىن 2019- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، ھەر يىلى 1 مىليۇن 300000 غا يېقىن ئۇيغۇرنى لاگېرلاردا «قايتا تەربىيىلىگەن» لىكىنى ئېتراپ قىلغان – بۇ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ 8 مىليۇنغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاشكارا ئېتراپ قىلغىنى بۇ بولسا، ئۇنىڭ يوشۇرغىنى نېمە؟»

 

فرانسىيە رادىئوسى تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە «ئاق تاشلىق كىتاب» تىن نەقىل ئېلىپ، 2014- يىلدىن 2019- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، پۈتۈن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان،ت.) بويىچە ھەر يىلى «قايتا تەربىيىلەنگەن» لەرنىڭ ئوتتۇرىچە سانى تەخمىنەن 1 مىليۇن 288 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

 

مۇشۇنىڭغا ئاساسلانغاندا خىتاي جەمئى 8 مىليۇن ئەتراپىدا ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغان بولۇشى مۇمكىن.

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.